كىشى ئىسىملىرى

  • پازىل
    (فازىل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 164 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    (1) پەزىلەتلىك، تالانتلىق، بىلىملىك؛ (2) مەڭگۈلۈك؛ (3) تۆھپىسى بار، ئەجرى بار؛ (4) ئالاھىدىلىكى بار، مەشھۇر، داڭلىق

  • پالتا
    (پالتۇ، پالتى، پالتۇش) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 221 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئۆي سايمانلىرىدىن بىرى، ئوتۇن يېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ

  • پامىر
    (پامىرجان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 156 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تاغ ئىسمى

  • پامىل
    تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 131 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئائىلە، جەمەت، تۇغقانچىلىق

  • پانار
    (پەنەر، پىنار، فەنەر) تىل تەۋەلىكى: ي تىل كۆرۈلۈشى: 218 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    چىراغ، مەشئەل. ئەسلىيسى «پەنار».

  • پانتېكىن
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 191 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بۈيۈك شاھزادە

  • پاۋان
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 267 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئوۋچى؛ قەشقەرنىڭ يوپۇغىدىكى جاي ئىسمى.

  • پولات
    (پولاتجان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 134 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    مېتال ئىسمى («پولاتتەك مۇستەھكەم، چىڭ» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ)

  • پىدا
    (پىداجان، فەدا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 152 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    تەقدىم قىلماق؛ بېغىشلىماق، ئۆزىنى ئاتىماق

  • پىدائەھمەد
    (پىداخمەت، پىداقمەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 137 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    پىدا: ئىسمى، ئەھمەد: سۈپىتى («ئەھمەد» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ يەردە «مۇھەممەد ئۈچۈن، مۇھەممەدنىڭ يولى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغۇچى» دېگەن مەنە ئىپادىلىنىدۇ)

  • پىردەۋس
    (پىردوس، فىردەۋس) تىل تەۋەلىكى: ي تىل كۆرۈلۈشى: 251 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    جەننەتلەردىن بىرىنىڭ نامى، مەنىسى: ئەڭ ئېسىل باغ، خۇشاللىق بېغى

  • پىروز
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 179 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) غالىب؛ گۈللەنگەن؛ بەختلىك؛ (2) يېشىل ياقۇت

  • پىكرى
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 123 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    پىكىرلىك، تەسەۋۋۇرچان

  • پىكرەت
    (پۈكرات، فىكرەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 125 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئوي، خىيال، ئىدىيە، پىكىر

  • پىچان
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 227 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بىر خىل ئۆسۈملۈك؛ جاي نامى

  • پۇئاد
    (فۇئاد، فۇئات) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 149 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يۈرەك، قەلب، دىل؛ ئەقىل

  • پۇرقان
    (فۇرقان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 170 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    «قۇرئان كەرىم» نىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى ۋە سۈرىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى. مەنىسى: ئىسپات، ھۆججەت؛ ھەق-ناھەقنى ئايرىغۇچى

  • پۇرقەت
    (فۇرقەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 192 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئايرىلماق، جۇدالىق

  • پۇزۇل
    (فۇزۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 123 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ياخشىلىق، شەپقەت، ئېھسان

  • پۇزۇلى
    (فۇزۇلى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 295 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) دائىم بىر ئىشنى سوراپ تۇرغۇچى، (2) شەپقەت، ياخشىلىق قىلغۇچى

  • پەتتاھ
    (پەتتار، فەتتاھ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 280 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دائىم يەڭگۈچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • پەتىھ
    (پەتى، پەتىخ، فەتىھ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 166 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    غەلىبە، نۇسرەت؛ ئىشغال قىلماق

  • پەتھۇللا
    (پەتتۇللا، پەتۇللا، پەتۇل، پەتخۇللا، پەتيۇللا، پەتقۇللا، پەتقۇللام، فەتھۇللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 168 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللانىڭ ياردىمى، ئاللانىڭ نۇسرىتى

  • پەجرى
    (فەجرى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 193 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تاڭ، تاڭ سەھەر، تاڭ ئاتماق

  • پەجرىدىن
    (پەجىردىن، فەجىردىن، فەجرىدىن) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 137 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ تېڭى

  • پەخرى
    (پەخرىم، پەھرى، فەھرى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 223 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 14 ياقتۇرۇش

    پەخىرلىك، پەخىرلەنمەك؛ نامدار، نام جەھەتتىكى

  • پەخرىدىن
    (پەخىردىن، پەقىردىن، پەھرىدىن، فەھرىدىن) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 181 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ ئىپتىخارى

  • پەرد
    (پەرت، پەرىد، فەرد، فەرىد، فەرت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 208 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) يېگانە، يالغۇز؛ تەڭداشسىز، (2) ئۈنچە-مارجان، گۆھەر، ئالماس. ئىزاھات: «پەرد» بولسا «پەرىد» دەپمۇ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ.

  • پەررۇھ
    (پەررۇخ، پەرۇخ، پەرۇق، فەررۇھ، فەرۇھ) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 138 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    قەدىمكى ئىران شاھلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى. مەنىسى: گۈزەل، مۇبارەك، قۇتلۇق، بەختىيار

  • پەرز
    (فەرز) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 233 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تەقدىر-پىشانە؛ تاپشۇرۇق، مەجبۇرىيەت