كىشى ئىسىملىرى
-
ھەمزۇللا
(ھەمزۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 397
، ياقتۇرغانلار: 0
ئاللا ئۆتكۈرلۈكنى بەرگەن كىشى
-
ھالالىدىن
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 399
، ياقتۇرغانلار: 0
دىننىڭ توغرا، دۇرۇس ئادىمى. ئەسلىيسى «ھەلالىددىن».
-
ھەنىپ
(ھېنىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 404
، ياقتۇرغانلار: 0
توغرا، ھەق؛ پاك
-
ھەبىب
(ھەبىپ، ھىبىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 408
، ياقتۇرغانلار: 0
دوست، سۆيگۈچى، ئەزىز، سۆيۈملۈك (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)
-
ھىجرى
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 410
، ياقتۇرغانلار: 0
جاي ئىسمى؛ «قۇرئان كەرىم» سۈرىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى.
-
ھارۇن
(ھارىن، ھارىنجان، ھارۇنجان) تىل تەۋەلىكى: ئى
كۆرۈلۈشى: 412
، ياقتۇرغانلار: 9
ھارۇن پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: بۇلبۇل
-
ھاشىر
(ھاشى، ھاشىرجان) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 413
، ياقتۇرغانلار: 0
(1) مەھشەر كۈنى ھەممىنى يىغقۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)، (2) ئونىنچى ئوغۇل
-
ھاكى
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 413
، ياقتۇرغانلار: 0
(1) ئىپادىلىگۈچى، ھېكايىچى، رىۋايەتچى، (2) چەۋگان توپى
-
ھەمىم
(ھەمىجان) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 414
، ياقتۇرغانلار: 0
دوست، سەپداش، ئامرىقى، يېقىنى
-
ھەسەن
(ھەسەنجان، ھەسۇنق، ھەسەك، خەسەن، ھاسان) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 415
، ياقتۇرغانلار: 12
ياخشى، گۈزەل، چىرايلىق [بۇ ئىسىم قوشكېزەك تۇغۇلغان جۈپ ئوغۇلنىڭ بىرىگە قويۇلىدۇ، ئايرىممۇ قويۇلىدۇ. جۈپ ئوغۇلنىڭ بىرىگە قويۇلغاندا كۆپىنچە يەنە بىرىگە «ھۈسەيىن» (ھۈسەن) قويۇلىدۇ. چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىلىرى ئىمامھەسەن، ئىمامھۈسەيىنگە تەقلىد قىلىنغان]. ئىزاھا
-
ھەكىم
(ھېكىم، ھېكىمجان، خەكىم) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 422
، ياقتۇرغانلار: 12
ھۆكۈما، دانىشمەن، ئەقىللىق، پەيلاسوپ، تېۋىپ (بۇ ئىسىممۇ «الـ» لىق كەلگەندە ئاللانىڭ ئىسمىنى، ئايرىم كەلگەندە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپىتىنى بىلدۈرىدۇ)
-
ھۇسام
(ھېسام، ھىسام) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 426
، ياقتۇرغانلار: 0
ئىتتىك، ئۆتكۈر قىلىچ
-
ھەق
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 431
، ياقتۇرغانلار: 0
ھەقىقىي، دۇرۇس؛ ھوقۇق، ئىمتىياز، ھەقىقەت، ئەمەلىيەت، راستلىق، راست، توغرا، بار، ساۋاب (بۇ ئىسىممۇ «الـ» لىق كەلسە ئاللانىڭ ئىسمىنى، ئايرىم كەلگەندە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپىتىنى كۆرسىتىدۇ). ئەسلىيسى «ھەقق».
-
ھىزبۇللا
(ھىزى) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 441
، ياقتۇرغانلار: 0
ئاللا تەرەپتە تۇرغۇچى، ئاللانىڭ جەڭچىلىرى، ئاللا پارتىيەسى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)
-
ھەزىم
(ھەزىمجان، ھېزىم، ھېزىمجان) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 444
، ياقتۇرغانلار: 9
(1) ئوتۇن، ئوتۇنچى، (2) ئىرادىلىك، قەتئىي، كەسكىن، (3) گۈلدۈرماما، (4) ئۇلۇغ، زور، كاتتا، ھەشەمەتلىك؛ نىيەت، ئىنتىلىش. ئىزاھات: «ئەزىم» مۇ «ھەزىم» گە ئۆزگىرىدۇ.
-
ھادى
(ھادەك) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 445
، ياقتۇرغانلار: 0
(1) سەردار، يولباشچى، يول كۆرسەتكۈچى، (2) جىمجىت، تىنچ، مۇلايىم (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)
-
ھاكىم
(ھاكىمجان) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 448
، ياقتۇرغانلار: 13
ھۆكۈمدار
-
ھەزرەت
(ھەزىرەت) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 448
، ياقتۇرغانلار: 0
ھۆرمەتلىك، ئالىيجاناب، ئەزىز، ئۇلۇغ، جانابىي، ئەپەندى
-
ھەمدەم
تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 451
، ياقتۇرغانلار: 0
ھەمنەپەس، سىرداش دوست
-
ھەمكار
تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 453
، ياقتۇرغانلار: 0
بىللە ئىشلىگۈچى، ئىشداش
-
ھۆرۇللا
(ھۆرىللا) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 453
، ياقتۇرغانلار: 0
ئاللانىڭ ئەركىن كىشىسى
-
ھاپىز
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 462
، ياقتۇرغانلار: 9
(1) ساقلىغۇچى، مۇھاپىزەتچى، قوغدىغۇچى، (2) قارىي، يادقا ئالغۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)
-
ھەرىر
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 463
، ياقتۇرغانلار: 0
يىپەك، يىپەك مال، تاۋار
-
ھەدىس
(خەدىس) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 471
، ياقتۇرغانلار: 0
يېڭى، زامانىۋى، يېڭى تىپتىكى؛ خەۋەر، سۆز، ھېكايە، گەپ-سۆز، ئېقىپ يۈرگەن گەپلەر، رىۋايەت؛ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى (بۇ يەردە ھەدىس ئۇلۇغلانغان)
-
ھالاۋەت
تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 481
، ياقتۇرغانلار: 0
تاتلىقلىق، لەززەت، تەم؛ تاتلىق، تەملىك، شېرىن، لەززەتلىك نەرسىلەر، تاتلىق-تۇرۇملار، تاتلىق يېمەكلىك، تاتلىق مېۋىلەر؛ مۇكاپات (بۇ يەردە پەرزەنتنىڭ تاتلىقلىقى، پەرزەنتنىڭ ئۆزى تۇرمۇشنىڭ ھالاۋىتى ئىكەنلىكى ئىپادىلەنگەن). ئەسلىيسى «ھەلاۋەت».
-
ھەبىبۇللا
(ھەبىبۇل، ھەبۇللا، ھەبى، ھەبىللا، ھەۋىللا، ھەۋىل، ھېبى، ھەبىل، ھەۋىبىللا، ھېۋىل، ھېۋىللا، ھېۋىللام) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 492
، ياقتۇرغانلار: 10
ئاللانىڭ دوستى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى). ئىزاھات: «ھەببى، ھەبىبۇللا» ئوخشاشلا «ھەبى» گە ئۆزگىرىدۇ. بولۇپمۇ غۇلجا قاتارلىق جايلاردا «ھەبىبۇللا» «ھەبى» گە، «زەبىھۇللا» «زەبى» گە ئۆزگىرىپ كېتىدىغان مۇشۇنداق ئەھۋاللار بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ.
-
ھاجى
(ھاجىم) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 493
، ياقتۇرغانلار: 9
(1) ھەج قىلغۇچى، (2) سەپەر قىلغۇچى
-
ھۇمايۇن
(ھۇمايەم) تىل تەۋەلىكى: پ
كۆرۈلۈشى: 493
، ياقتۇرغانلار: 0
قۇتلۇق، بەختلىك، بەخت، مۇبارەك؛ بەخت قۇشى. ئىزاھات: «ھۇمايەم، ھۇۋەيدە» ئاياللارغا قويۇلىدۇ.
-
ھىببى
(ھىبى، ھىۋى) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 494
، ياقتۇرغانلار: 0
سۆيۈملۈك، قەدىرلىك، ئەزىز
-
ھايات
(ھاياتجان) تىل تەۋەلىكى: ئە
كۆرۈلۈشى: 496
، ياقتۇرغانلار: 0
تىرىكلىك، ھاياتلىق كۈچى. ئەسلىيسى «ھەيات».