كىشى ئىسىملىرى

  • نازىم

    (نازىمجان، نەزىم، نەزىمجان، نىزىم، نىزىمجان، نازى، نازەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 406كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    رەتلىگۈچى، تەرتىپكە سالغۇچى، شېئىر تۈزگۈچى، شائىر

  • ھەزرىتىم

    (ھەزىرتىم، ھەزتۇم) تىل تەۋەلىكى: ئە ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 406كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    مېنىڭ ھۆرمەتلىك ئەزىز ئوغلۇم؛ مېنىڭ ھۆرمەتلىكىم (بۇ يەردە يەنە «بىزنىڭ ئۇلۇغ پېشۋايىمىز» دېگەن مەنىدىمۇ كېلىدۇ)

  • ئۇزتېكىن

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 406كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    چىرايلىق شاھزادە

  • ئۆزتۈرك

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 406كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئۆزىمىزنىڭ تۈركىي مىللەتلىرىدىن بولغان كىشى

  • ئىشانبەردى

    تىل تەۋەلىكى: پ ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 406كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بۇ ئىسىمدا ئىشانلار ئۇلۇغلىنىپ، «ئۇلارنىڭ دۇئاسى بىلەن ماڭا ئاللا پەرزەنت ئاتا قىلدى» دېگەن مەنە ئىپادىلىنىدۇ. بۇ يەردە «ھەممىنىڭ پىرى - ئاللا بەردى» دېگەن مەنىدىمۇ كېلىدۇ.

  • ئەلشاد

    (ئەلشات، ئېلشات. ئىلشات، ئەلىشات) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 406كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئەلنىڭ شادلىقى، ئەلنى شادلاندۇرغۇچى

  • غەۋس

    (غەۋز) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 407كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    (1) تېرەن، چوڭقۇر، (2) قوغدىغۇچى، ياردەمچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)، (3) قۇتقۇزماق، (4) سۇغا چۆكمەك

  • ئابدۇلمۇقىت

    (ئابدۇمۇقىت، ئابدىمۇقىت، مۇقىت، مۇقايىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 407كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    پەرۋىش قىلغۇچى ئاللانىڭ بەندىسى

  • ئاتابەگ

    (ئاتابەك، ئاتابېك) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 407كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاتىدەك ئوغۇل، ئاتا ئورنىدكى ئوغۇل؛ تەربىيەچى، ئۇستاز

  • بەگيار

    (بىگيار، بىكيار) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 407كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بەگ (ئاللا) يار بولغۇچى. ئىزاھات: «بەگقۇلى، بەگيار» دېگەندەك ئىسىملاردىكى «بەگ» بۇ يەردە ئاللانى كۆرسىتىدۇ.

  • ئىمان

    (ئىماق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 407كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئىشەنچ، مۇتلەق ئەقىدە، ئىشەنمەك. ئەسلىيسى «ئىيمان».

  • ئارىپخان

    (ھارىپخان، ئارىفخان) تىل تەۋەلىكى: ئە ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 407كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئارىپ: ئىسمى، خان: سۈپىتى. («ئارىپ» نىڭ مەنىسى: بىلگۈچى، تونۇغۇچى، ئاقىل). ئىزاھات: «ئارىپخان» ئەرلەرگىمۇ قويۇلىدۇ، بۇ چاغدا كۆپىنچە «ھارىپخان» غا ئۆزگىرىپ كېتىدۇ.

  • خەبىر

    (خېۋىر، خەپىر، خەۋىر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 408كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ھەممىدىن خەۋەردار، تەجرىبىلىك، مۇتەخەسىس، ئۇستا (ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى)

  • سۇبۇر

    (سۇۋۇر، سوپۇر، سوپۇرجان، سىپىر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 408كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    سەۋر قىلماق. ئىزاھات: «سەبۇر» مۇ «سوپۇر» غا ئۆزگىرىدۇ.

  • بارمان

    (بامان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 408كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    دۆلەتمەن. ئىزاھات: «بارمان» مۇ «بامان» غا ئۆزگىرىپ، «بەھمەن» نىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئوخشىشىپ قالىدۇ.

  • باسىت

    (ۋاسىت، گاسىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 408كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    نازۇ-نېمەتلىرىنى كەڭ يايغۇچى

  • كۆلبىلگە

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 408كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بىلىملىك، ئەقىللىق يىگىت

  • مۇقائىد

    (مۇقائىت، مۇقايىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 408كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    قوماندان، يولباشچى

  • ھەرىس

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 408كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاللاغا ھېرىسمەن (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ھەربىدىن

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 408كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    دىننىڭ ئەسكىرى

  • ئابادخان

    (ئاۋاتخان، ئاۋەتخان، ئەۋەتخان) تىل تەۋەلىكى: پ ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 408كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاباد: ئىسمى، خان سۈپىتى

  • ئىزبىل

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 409كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بىلىم ئىزدە؛ ئىزىڭنى بىل

  • يولبارستېكىن

    (يولۋاستېكىن) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 409كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    يولۋاستەك باتۇر شاھزادە

  • يېڭىلىق

    (يېڭىلىقجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 409كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بۇ يەردە بىر يېڭى پەرزەنتنىڭ دۇنياغا كەلگەنلىكى، ئۇ ئاتا-ئانىلارنى خۇددى شۇ ئائىلىدە يېڭىلىق بولغاندەك تۇيغۇغا كەلتۈرگەنلىكى ئىپادىلىنىدۇ.

  • سابىق

    (ساۋۇق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 410كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئۆتكەنكى، بۇرۇنقى، كونا؛ پېشىۋا، باشلامچى، ئالدىدا ماڭغان (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • قۇتئالدى

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 410كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بەخت تاپتى

  • مەغرىب

    (مەغرىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 410كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    غەرب تەرەپ، غەربتىكى ئەللەر، قىبلە تەرەپ (بۇ يەردە قىبلە ئۇلۇغلانغان)

  • نەبىيۇللا

    (نەبىۋۇللا، نىبۇۋۇللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 410كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاللانىڭ خەۋەرچىسى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ھۆرمەت نامى)

  • نەۋزاد

    (نەۋزات) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 410كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بوۋاق، يېڭى تۇغۇلغان بالا؛ يېڭى ئەۋلاد

  • ھەدىد

    (ھەدىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 410كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    تېز، ئىتتىك؛ تۆمۈر («قۇرئان كەرىم» سۈرىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى)