كىشى ئىسىملىرى

  • مۇزئارت

    (مۇزارت، مۇزات) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 441كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    مۇز داۋان؛ دەريا ئىسمى، جاي نامى

  • مۇھتەرەم

    (مۇختىرەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 441كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ھۆرمەتلىك، ئەزىز. ئىزاھات: «مۇھتەرەم» يالغۇز تۇرغاندا ئاساسەن ئاياللارغا قويۇلىدۇ. ئايرىم ئەھۋاللاردا ئەرلەرگىمۇ قويۇلىدۇ. «ھاجى، جان، بەگ، باي» قاتارلىق ئەرلەرگە خاس قوشۇمچە ئىسىملار ياكى سۈپەتلەر ئۇلانغاندا ئومۇمەن ئەرلەرگە قوللىنىلىدۇ.

  • ياسىر

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 441كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئوڭايلىق

  • ياشنار

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 441كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    گۈللەپ ياشنايدۇ؛ شاد-خۇرام ياشايدۇ

  • تۈمەن

    (تۈمەك، تۈمەنجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 440كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    (1) ئون مىڭنى بىرلىك قىلغان سان نامى، (2) كۆپ، نۇرغۇن، ساناقسىز، چەكسىز، (3) سۇ يار كەتمەسلىك ئۈچۈن ياكى سۇ يار كەتكەندە دەريا قىرغىقىغا مەھكەم ئورۇنلاشتۇرۇلغان ياكى يار كەتكەن جايغا تاشلىنىدىغان شاخ-شۇمبىلىق، ئۇزۇن، گىگانت ئورۇندا ياكى مۇداپىئە توسۇقى.

  • زەكى

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 440كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئەقىللىق، زېرەك، ئۆتكۈر، ياخشى، تازا، گۇناھسىز، پاك؛ گۈزەل

  • شاقۇر

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 440كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    شارقىراتما (يەر نامى)

  • قادىر

    (قادى، قادىجان، قادىرجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 440كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    ھەممىگە كۈچى يەتكۈچى، ھەممىگە قادىر (ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى)

  • قاراتاي

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 440كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    قارا رەڭلىك تاي؛ كۈچلۈك تاي؛ كۈچلۈك ئوغۇل

  • كۆلئۆگە

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 440كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بىلىمى كۆلدەك

  • كۈنتاي

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 440كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    كۈن: ئىسمى، تاي: قوشۇمچىسى

  • مەۋلىد

    (مەۋلىت، مۇلۇت، مۇلۇتجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 440كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    تۇغۇلماق؛ تۇغۇلغان كۈن، تۇغۇلغان جاي

  • ئىسلاھ

    (ئىسلا، ئىسلاجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 440كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ياخشىلىماق، ئۆزگەرتمەك، تۈزەتمەك

  • نەجىب

    (نەجىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 439كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئۇلۇغ، پاك، ئېسىل، ئالىيجاناب؛ مەشھۇر، داڭلىق، مۇنەۋۋەر؛ ئەقىللىق، زىرەك، ئىقتىدارلىق

  • ئاينىياز

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 439كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئۆزىنى بېغىشلىغۇچى قىز

  • باي

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 438كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بۇ ئىسىم ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتلىرىگە باياشاتلىق تىلىگەنلىكىنى بىلدۈرىدۇ. ئۇ بەزى ھاللاردا «ئوغۇل، يىگىت» دېگەن مەنىلەردىمۇ كېلىدۇ.

  • بوسۇغا

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 438كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئىشىك بوسۇغىسىنى كۆرسىتىدۇ (بۇ يەردە پەرزەنتنىڭ چىداملىق، كەمتەر چوڭ بولۇشى ئۈمىد قىلىنغان)

  • بىلگە

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 438كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئالىم، ئاقىل، بىلىملىك، دانىشمەن. ئىزاھات: تۈركىيەدە قىزلارغىمۇ قويۇلىدۇ.

  • پۇرقان

    (فۇرقان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 438كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    «قۇرئان كەرىم» نىڭ يەنە بىر ئاتىلىشى ۋە سۈرىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى. مەنىسى: ئىسپات، ھۆججەت؛ ھەق-ناھەقنى ئايرىغۇچى

  • مەئمۇر

    (مامۇر، مامىر، مەمۇر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 438كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    (1) مەمۇرچىلىق، ئاۋاتچىلىق، ئاۋاتلىق؛ دۇنيا؛ (2) بۇيرۇقنى ئىجرا قىلغۇچى، ھۆكۈمەت ئەمەلدارى، ۋەكىل

  • مەرد

    (مەرت) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 438كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    (1) ئېيىتقان گېپىنىڭ ھۆددىسىدىن چىقىدىغان، ئۆز گېپىگە ئىگە بولىدىغان، (2) قورقۇشنى بىلمەيدىغان، قورقماس، باتۇر، يۈرەكلىك، مەردانە، (3) پۇلنى دوست تۇتمايدىغان، قولى ئوچۇق؛ سېخىي

  • نەجمىدىن

    (نەژمىدىن) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 438كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    دىننىڭ يۇلتۇزى. ئەسلىيسى «نەجمىددىن»

  • نۇرشەرىپ

    (نۇرشېرىپ، نۇرشىرىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 438كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئۇلۇغلارنىڭ نۇرى

  • ئۇممەت

    (ئۈممەت، ئىممەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 438كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    مىللەت، دۆلەت؛ ئەۋلاد، دىنداش (بۇ يەردە پەرزەنتنىڭ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتى - ئىسلام دىنىغا ئېتىقاد قىلغۇچىلاردىن بولۇشى ئۈمىد قىلىنغان)

  • ئۆزقان

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 438كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئۆز قېنى، ئۆز ئوغلى، ئۆز ئەۋلادى؛ ئۆزىمىزنىڭ ئوغلى

  • بىلگىيار

    (بىلىگيار) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 437كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئىلىمنى ۋە ئالىمنى دوست تۇتقۇچى

  • مۇۋەسسىل

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 437كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئۇلىغۇچى، تۇتاشتۇرغۇچى، باغلىغۇچى، ئالاقە قىلغۇچى، ۋەسلىگە يەتكۈزگۈچى، ھەمراھ بولغۇچى، قوغداپ ماڭغۇچى، يېتەكلەپ ماڭغۇچى، يەتكۈزۈپ قويغۇچى ( بۇ ئىسىمدا پەرزەنتنىڭ نەسەبنى ئۇلىغۇچى ئىكەنلىكى قەيت قىلىنغان بولۇپ، ئۇ «مۇسىل» بىلەن ئاساسەن ئوخشاش مەنىگە ئىگە)

  • نەبى

    (نەبىجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 437كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    ئالدىن بىلگۈچى، خەۋەرچى، خەۋەر يەتكۈزگۈچى، پەيغەمبەر (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • نۇھ

    (نوھ) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 437كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    نۇھ پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: قايغۇ، يىغا، ئازاب

  • ھارۇن

    (ھارىن، ھارىنجان، ھارۇنجان) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 437كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    ھارۇن پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: بۇلبۇل