كىشى ئىسىملىرى

  • قابىل

    (قاۋۇل، قاۋىل، قاۋۇش، قاۋۇلجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 428كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى. مەنىسى: قوبۇل قىلغۇچى؛ ئىقتىدارلىق، قابىلىيەتلىك؛ مۇۋاپىق، لايىق

  • ناغىد

    (ناغىت) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 428كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    چولپان يۇلتۇزى

  • ھەنىپ

    (ھېنىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 428كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    توغرا، ھەق؛ پاك

  • ۋەلەد

    (ۋەلەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 428كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بوۋاق، كىچىك بالا، پەرزەنت، سەبى

  • يارمۇھەممەد

    (يارمەت، يارمەممەت) تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 428كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    مۇھەممەدنىڭ دوستى

  • جالالىدىن

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 427كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    دىننىڭ ئۇلۇغۋار كىشىسى. ئەسلىيسى «جەلالىدىن»

  • سەبىر

    (سەۋىر، سىبىر، سىپىر، سىۋىر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 427كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    سەۋرچان، سەۋر-تاقەتلىك، چىداملىق.

  • سەدىر

    (سېدىر، سىدىر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 427كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    (1) يۈرەك، قەلب، (2) كاتتا، ئۇلۇغ، شەرەپلىك

  • ئابدۇسابىت

    (ئابدۇساۋۇت، ئابدىساۋۇت، ساۋۇت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 427كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    سابىتنىڭ قۇلى؛ مۇستەھكەم ئادەم

  • ئابدۇساتتار

    (ئابدىساتتار، ساتتار) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 427كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئەيبلەرنى ياپقۇچى ئاللانىڭ بەندىسى

  • مەجىد

    (مىجىت، مىشىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 427كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئۇلۇغ، شەرەپلىك، مەشھۇر (ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى)

  • مەنار

    (مۇنار، مۇنارجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 427كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ماياك؛ مۇنار

  • ئەنەس

    (ئەنەش) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 426كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئۈلپەت

  • بەھرۇز

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 426كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بەختلىك

  • قاھھار

    (قاھار، قاخار، قاخارجان، قەھەر، قەھەرجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 425كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    غەزەپلىك، كۈچلۈك، ھەممىنى مەجبۇر قىلغۇچى (ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى)

  • گۈلمۇھەممەد

    تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 425كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 7

    گۈلمەت، گۈلمەممەت، گۈلمەت

  • مۇقەددەم

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 425كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    رەھبەر، يېتەكلىگۈچى، ئاۋانگارت؛ تەقدىم قىلىنغان؛ بۇرۇنقى، بۇرۇن

  • نەقىشبەندى

    (نەخشىۋەندى، نەخشىبەندى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 425كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بەندىنىڭ زىننىتى

  • ئۈلپەتۇللا

    (ئۈلپىتۇللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 425كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاللاغا يېقىن تۇرغۇچى. ئەسلىيسى «ئۇلپەتۇللا».

  • ئاتىكەخېنىم

    (ئاتىخېنىم) تىل تەۋەلىكى: ئە ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 425كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    سېخىي، قولى ئوچۇق خېنىم. ئەسكەرتىش: «ئاتىكەخېنىم» ۋە «ئاتىكە» ئوخشاشلا «ئاتىخېنىم»غا ئۆزگىرىدۇ. ئۇنىڭ مۇزەككەر شەكلى «ئاتىك» ئەرلەرگە قويۇلىدۇ ۋە بۇ ئىسىم «سېخىي ئەر» دېگەن مەنىنى بىلدۈرىدۇ.

  • مۇتئ

    (مۇتى، مۇتىئى، مۇتتى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 424كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئىتائەتمەن (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ئوغۇزئالىپ

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 424كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئوغۇزلارنىڭ قەھرىمانى، باتۇر ئوغۇل

  • ئۇيغۇن

    (ئۇيغۇنجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 424كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئارزۇغا لايىق، ئارزۇ قىلغاندەك

  • غازى

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 423كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    ئاللا يولىدا جەڭ قىلغۇچى

  • ئابدۇلقاھھار

    (ئابدۇقاھھار، ئابدۇقاھار، ئابدىقاھار، ئابدىقاخار، قاھار، قاھارجان، قاخار) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 423كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    پۈتۈن ئىمكانىيەتلەرگە ئىگە ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇلقەھھار».

  • قارتېكىن

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 423كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    قاردەك ئاپئاق شاھزادە

  • بۆرەتېكىن

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 423كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بۆرە كەبى ئەقىللىق شاھزادە

  • ھەمزۇللا

    (ھەمزۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 423كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاللا ئۆتكۈرلۈكنى بەرگەن كىشى

  • ئۇپۇق

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 423كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاسمان بىلەن زېمىننىڭ تۇتشقاندەك كۆرۈنىدىغان قىسمى

  • يارئەلى

    تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 423كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    ئەلىنىڭ دوستى (بۇ يەردە چاھاريارلاردىن ئەلى كۆزدە تۇتۇلىشىمۇ ياكى ئاللا كۆزدە تۇتۇلىشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى «ئەلى» ئاللانىڭ ئىسمى بولۇپمۇ كېلىدۇ. ئۇ ھالدا بۇ ئىسىم «ئاللانىڭ دوستى» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما «ئەلى» نىڭ ئۆزى كۆزدە تۇتۇلۇشى ئېھتىمالغا يېقىن)