كىشى ئىسىملىرى

  • ئابدۇللا

    (ئابدۇللام، ئابلا، ئابلام، ئابدۇل، ئابدۇلجان، ئابلاق، ئابۇش، ئابلاجان، ھەبدۇللا، ھەبىدۇللا، ھەبدۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 517كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بۇ، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى، شۇنداقلا ئۇنىڭ ئاتىسىنىڭ ئىسمى بولۇپ، «ئاللانىڭ بەندىسى، ئاللانىڭ قۇلى» دېگەنلىك بولىدۇ.

  • ئابدۇلخەبىر

    (ئابدۇخەبىر، ئابدۇخېۋىر، ئابدىخىۋىر، ئابدىخىۋەر، خىۋەر، خىۋىر، خېۋىر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 517كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ھەممىدىن خەۋەردار ئاللانىڭ بەندىسى

  • ھايات

    (ھاياتجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 518كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    تىرىكلىك، ھاياتلىق كۈچى. ئەسلىيسى «ھەيات».

  • ھىببى

    (ھىبى، ھىۋى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 518كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    سۆيۈملۈك، قەدىرلىك، ئەزىز

  • ۋالىد

    (ۋالىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 518كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاتا، دادا، پەدەر (بۇ يەردە ئاتا ئۇلۇغلىنىپ، ئۇنىڭ نامى ئوغۇل پەرزەنتكە ئىسىم قىلىنغان)

  • رەجەب

    (رەجەپ، رەجەك) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 519كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    (1) ھۆرمەتلىك، (2) رەجەب ئېيىدا تۇغۇلغان

  • پەجرى

    (فەجرى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 519كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    تاڭ، تاڭ سەھەر، تاڭ ئاتماق

  • نۇرى

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 519كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 7

    نۇرلۇق، شانلىق، پارلاق

  • ھامى

    (ھامىجان، ھامىخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 519كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاسرىغۇچى، قوغدىغۇچى، يۆلىگۈچى، يۆلەنچۈك، ھىمايىچى، ھىمايە قىلغۇچى. ئىزاھات: «ھامى» بىلەن «ھامىد» ئوخشاشلا «ھامىخان» غا ئۆزگىرىدۇ، ئەمما بۇ ئىسىملار يەنىلا ئەرلەرگە قوللىنىلىدۇ.

  • ۋەلىدان

    (ۋىلدان) تىل تەۋەلىكى: ئە پ تىل كۆرۈلۈشى: 519كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بىلىمدار، بىلىم بىلەن بويسۇندۇرغۇچى، دانىشمەن خوجام

  • قاھىر

    (قاھىرجان، قايىر، قايىرجان، قەھەرجان، قەخەرجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 520كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    يۈكسەك، كۈچلۈك، غالىب، غەزەپلىك، تەڭداشسىز، يېمىرگۈچى، يەڭگۈچى

  • مەششا

    (مىششا، مىشا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 520كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    يەلتاپان، شاتۇر، تېز يۈرەر

  • نادىر

    (نادى، نادىجان، نەدى، نەدىجان، نەدىر، نەدىرجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 520كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    (1) ئەتىۋارلىق، تەڭداشسىز، تېپىلغۇسىز، كەم ئۇچرايدىغان، (2) يېڭى، گۈزەل

  • ھۇمايۇن

    (ھۇمايەم) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 520كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    قۇتلۇق، بەختلىك، بەخت، مۇبارەك؛ بەخت قۇشى. ئىزاھات: «ھۇمايەم، ھۇۋەيدە» ئاياللارغا قويۇلىدۇ.

  • يانتاق

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 520كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ياۋا ئۆسۈملۈك ئىسمى

  • ئابدۇرەھمەت

    (ئابدۇرەخمەت، ئابدىرەخمەت، ئابىرەخمەت، رەخمەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 521كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    رەھمەتكە سازاۋەر كىشى؛ رەھمەتنىڭ قۇلى («رەھمەت» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى).

  • قۇزبەگ

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 521كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    تاغدەك مەزمۇت بەگ

  • كەنجى

    (كەنجەك) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 521كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 11

    كېيىن تۇغۇلغان (كىچىك ئوغۇل)

  • ئاسىيە

    (ئاسىخان، ئاسىيەم، ئاسىگۈل، ئاسىيخان، ئاسىيگۈل، ھاسىگۈل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 521كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 4

    (1) چىقىشقاق، تىنچ، خاتىرجەم (2) دورا، داۋا

  • قوشماق

    (قوشماقجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 522كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    قوشماق تۇغۇلغان، قوشماقنىڭ ھەمراھى، قوشماق ئوغۇل

  • ھابىل

    (ھاۋۇل، ھاۋىل، ھەبىل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 522كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئادەم ئەلەيھىسسالامنىڭ ئوغۇللىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى. مەنىسى: ئوۋچى، تور تاشلىغۇچى. ئىزاھات: «ئابىل» مۇ «ھابىل» غا ئۆزگىرىدۇ. لېكىن بۇ يەردىكى «ھابىل» بولسا «ئابىل» نىڭ ئۆزگىرىشى ئەمەس.

  • زوقلان

    تىل تەۋەلىكى: ئە ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 523كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان ئوغۇل

  • بەدىئۇززامان

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 524كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    زاماننىڭ چىرايلىقى. ئەسلىيسى «بەدىئۇززەمان».

  • نۇرئەلى

    (نۇرئېلى، نۇرئىلى، نۇرەلى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 524كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    نۇر: ئىسمى، ئەلى: سۈپىتى؛ ئەلىدەك باتۇر ئوغۇل.

  • ئۇيغۇرمەن

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 524كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    مەن ئۇيغۇر ئەۋلادى، مەن ئۇيغۇر يىگىتى

  • خۇدايار

    (خۇدايا، خۇدىيار) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 525كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 1

    ئوغلۇمغا خۇدا يار بولغاي

  • ئېكىن

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 525كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    تېرىلغۇ، زىرائەت، ئېتىزلىق

  • يانماس

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 525كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئارقىغا قايتماس، ئىزىدىن چېكىنمەس

  • ئاباد

    (ئاۋات، ئاۋاتجان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 526كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاۋاتچىلىق، مەمۇرچىلىق، ئاۋات جاي، ئاۋات ئۆي

  • تۆرە

    (تۆرەم، تۆرىخان) تىل تەۋەلىكى: م تىل كۆرۈلۈشى: 526كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بەگزادە، ئاقسۆڭەك، كىچىك خوجام، كىچىك ئىشان (بۇ، ئەسلىي موڭغۇلچە «تۇراھ» دېگەن سۆزدىن كەلگەن بولۇپ، كېيىن ئوتتۇرا ئاسىيادا ئىشان ۋە خوجا ئەۋلادلىرىنىڭ ھۆرمەت نامى بولۇپ قالغان، دېيىلىدۇ)