كىشى ئىسىملىرى

  • خالىق
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 373 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ياراتقۇچى

  • خان
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 190 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) ھۆكۈمدار، خان، (2) بەزىدە ھەممىنىڭ خانى بولغان ئاللانى كۆرسىتىدۇ. ئىزاھات: «خان» ئاللانىڭ ئىسىملىرى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرى، «ئابدۇ، ئەبۇ (ئاتا)، خوجا، شاھ، بەگ، دىن، ئاللا» قاتارلىق ئىسىملار، باشقا پەيغەمبەر ئىسىملىرى ۋە تارىختا مۇتلەق ئەرلەر ئى

  • خەبىر
    (خېۋىر، خەپىر، خەۋىر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 144 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ھەممىدىن خەۋەردار، تەجرىبىلىك، مۇتەخەسىس، ئۇستا (ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى)

  • خەيرۇللا
    (خەيرۇل، خەيرىل، خەيرىللا، خەيرۇللام) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 261 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللانىڭ ياخشىلىقى، ئاللانىڭ ياخشى كىشىسى

  • خوجا
    (خوجام، غوجا، غوجام، غوجى، خوجاش، غوجەش، خوجاق، غوجاش، غوجاق، غوجەك،غوجەم) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 339 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئۇستاز، خوجايىن؛ ئىگە. ئىزاھات: «خوجا» ئەسلىدە «خۇاجە، خاجە، خوجە» دېيىلسىمۇ، ئادەت بويىچە «خوجا» دەپ ئېلىندى. ئۇ مەنە جەھەتتىن «ئۇستاز، خوجايىن، ئىگە» دېگەنلىك بولۇپ، بەزىدە كۆچمە مەنىسى بولغان «ئىگەم، ئاللا» كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بولۇپمۇ كىشى ئىسىملىرىدا تېخىمۇ شۇنداق. مەسىلە

  • خەلىل
    (خەلەك، خېلىل، خېل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 197 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى. مەنىسى: ياخشى دوست، سىرداش.

  • دادىل
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 527 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    جۈرئەتلىك

  • دانىشيار
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 131 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، پېروفېسسور؛ بىلىم ئىگىسى، بىلىمنى يار تۇتقۇچى

  • دانىيال
    (دانىيار) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 191 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دانىيال پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى (مەنىسى ئېنىق ئەمەس). بۇ ئىسىمنىڭ ئۆزگىرىشى بولغان «دانىيار» نىڭ مەنىسى ئىلىمنى دوست تۇتقۇچى.

  • داۋامەت
    (دۇگامەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 137 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دائىملىق، مەڭگۈلۈك. بۇ ئىسىم ئەسلىدە «دەۋامەت» دەپ تەلەپپۇز قىلىنسىمۇ، لېكىن بۇ يەردە تىلىمىزغا ماسلاشتۇرۇپ شۇنداق ئېلىندى. ئۇنىڭدىن باشقا، مەزكۇر ئىسىم «دۇگامەت» كە ئۆزگىرىپ، «دۇئامەد، دۇئامۇھەممەد» لەرنىڭ مۇشۇ خىل ئۆزگىرىشى بىلەن ئوخشىشىپ قالىدۇ.

  • دائى
    (داھى، دايى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 184 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يولباشچى، تەشەببۇسچى، يولباشلىغۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • دەرمان
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 210 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    كۈچ-ماغدۇر، قۇۋۋەت، قۇربەت، ئىقتىدار، كۈچ؛ داۋا، شىپا

  • دەريا
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 258 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دەريا-دېڭىز (بۇ يەردە سۇ ئۇلۇغلانغان)

  • دولان
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 136 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يەر نامى (مەكىت، مارالبېشى قاتارلىق جايلارنىڭ ئومۇمىي نامى)

  • دولقۇن
    (دولقۇنجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 251 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    بۇ يەردە سۇ دولقۇنى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

  • دۆلەت
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 202 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دۆلەتمەن، بەختلىك. ئەسلىيسى «دەۋلەت».

  • دېھقان
    (دىخان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 276 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يەر تېرىغۇچى، تېرىقچىلىق قىلغۇچى؛ يەر ئىگىسى، سەھرالىق

  • دىلشاد
    (دىلشات) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 152 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    كۆڭلى خۇش، شاد كۆڭۈل

  • دىلمۇراد
    (دىلمۇرات) تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 134 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    كۆڭۈل ئارزۇسى

  • دىلمۇھەممەد
    (دىلمەت، دىلمەممەت) تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 236 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دىلىدا مۇھەممەدنى ياد ئەتكۈچى

  • دىليار
    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 193 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    كۆڭۈلنىڭ دوستى، كۆڭۈلدىكى دوست، چىن دىلدىن دوست بولغۇچى، دىلدىن سۆيۈنىدىغان

  • دىۋان
    (دۈۋان، دوگان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 195 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    توپلام؛ مەھكىمە، ئىشخانا، ئورگان؛ كىرېسلو

  • دىيار
    (دىيارجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 205 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يۇرت، دۆلەت؛ ئۆي، تۇرالغۇ، مەھەللە

  • رابات
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 540 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    رايون، شەھەر ئەتراپى؛ قونالغۇ، دەڭ، مېھمانخانا، ئۆتەڭ

  • راززاق
    (رازاق، رىزاق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 163 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    كۆپ رىزقى بەرگۈچى (ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى). ئەسلىيسى «رەززاق»

  • رازى
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 135 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    رازى بولغۇچى، خۇشال بولغۇچى

  • رازىق
    (راسىق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 138 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    رىزقى بەرگۈچى

  • راشىد
    (راشى، راشىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 223 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    پاراسەتلىك، ئاقىل، يېتىلگەن؛ توغرا يولدا ماڭغان؛ ئويغاق، ھوشيار، سەزگۈر

  • راشىدىن
    (راشىتىن) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 173 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ توغرا يولىدا ماڭغۇچى. ئەسلىيسى «راشىددىن»

  • رامىزان
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 257 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    رامىزان ئېيىدا تۇغۇلغان