كىشى ئىسىملىرى

  • نۇرتاي

    تىل تەۋەلىكى: ئە ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 479كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    تايچاقتەك شوخ ئوغۇل

  • نىزاممۇھەممەد

    (نىزامەت، نىزەمەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 395كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    نىزام: ئىسمى، مۇھەممەد: سۈپىتى (مۇھەممەدنىڭ تەرتىپ-تۈزۈملىرى)

  • نىزامىدىن

    (نىزاق، نىزامۇق، نىزەمۇق، نىزۇق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 464كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    دىننىڭ قانۇن-پىرىنسىپلىرى

  • ھاپىز

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 483كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    (1) ساقلىغۇچى، مۇھاپىزەتچى، قوغدىغۇچى، (2) قارىي، يادقا ئالغۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ھاجى

    (ھاجىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 513كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    (1) ھەج قىلغۇچى، (2) سەپەر قىلغۇچى

  • ھارۇن

    (ھارىن، ھارىنجان، ھارۇنجان) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 437كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    ھارۇن پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: بۇلبۇل

  • ھەزرىتىئەلى

    (ھەزىرتېلى، ھەزتېلى، ھىزتىلى، ھەزتىلى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 389كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    ھەزرىتى ئەلىدەك ئوغۇل (بۇ يەردە چاھاريارلاردىن ئەلى ئۇلۇغلانغان)

  • ھەزىم

    (ھەزىمجان، ھېزىم، ھېزىمجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 460كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    (1) ئوتۇن، ئوتۇنچى، (2) ئىرادىلىك، قەتئىي، كەسكىن، (3) گۈلدۈرماما، (4) ئۇلۇغ، زور، كاتتا، ھەشەمەتلىك؛ نىيەت، ئىنتىلىش. ئىزاھات: «ئەزىم» مۇ «ھەزىم» گە ئۆزگىرىدۇ.

  • ھەمدۇللا

    (ھەمدۇل، ئەمدۇللا، ئەمدۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 395كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    ئاللانى مەدھىيەلىمەك. ئىزاھات: «ھەمىدۇللا» مۇ «ھەمدۇللا» غا ئۆزگىرىدۇ.

  • ھەمىد

    (خەمىت، ئىمىت، يىمىت، ھېمىت، ھىمىت، ئىمىخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 388كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    ماختاشقا لايىق، ئاقىۋىتى ياخشى، سالامەت

  • ۋاھىد

    (ۋايىت، گايىت، گايتەم، گىيىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 747كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    بىر، يەككە، يالغۇز (ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى). ئىزاھات: «ۋاھىد» بىلەن «ۋائىد» ئوخشاشلا «ۋايىت» قا ئۆزگىرىدۇ.

  • ئىرشاد

    (ئىرشات) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 475كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    يول كۆرسەتمەك، تەلىم بەرمەك، توغرا يولغا باشلىماق

  • ئىسكەندەر

    تىل تەۋەلىكى: ي تىل كۆرۈلۈشى: 446كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    قەدىمكى ماكىدونىيە پادىشاھى ئالىكساندىرنىڭ ئىسمىنىڭ ئەرەبلەشكەن ئاتىلىشى

  • ئىلزات

    (ئىلزات) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 448كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    ئەل ئوغلى («ئەلزاد» قا ئوخشاش)

  • ئىلشاد

    (ئىلشات) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 395كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    ئەلنىڭ شادلىقى، ئەلنى شادلاندۇرغۇچى

  • ئىليار

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 397كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    (1) ئەلنىڭ دوستى، (2) دۆلەت يار بولغاي

  • يارئەلى

    تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 423كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    ئەلىنىڭ دوستى (بۇ يەردە چاھاريارلاردىن ئەلى كۆزدە تۇتۇلىشىمۇ ياكى ئاللا كۆزدە تۇتۇلىشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى «ئەلى» ئاللانىڭ ئىسمى بولۇپمۇ كېلىدۇ. ئۇ ھالدا بۇ ئىسىم «ئاللانىڭ دوستى» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما «ئەلى» نىڭ ئۆزى كۆزدە تۇتۇلۇشى ئېھتىمالغا يېقىن)

  • ئابىدە

    (ئابىدەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 601كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    تەقۋادار؛ دەرۋىش؛ ئىبادەتگۇي، ئىبادەت قىلغۇچى. «ئابىدەم» دىكى «م» قوشۇلۇپ كەلگەن ھەر بىر ئىسىمدا ھۆرمەت مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ ھەمدە شۇ كىشىنى ئۆز كىشىم دەپ ئاتاش مۇناسىۋىتى بىلەن قوشۇلىدۇ. ئۇ بەزى ئاياللارنىڭ ئىسىملىرىدىن سىرت، ئايرىم دىني دەرىجە-ئەمەل ناملىرىغىمۇ قوشۇلۇپ، ھ

  • ئامىنە

    (ئامىنەم، ئامىنىخان، ئامىنىگۈل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 583كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئانىسىنىڭ ئىسمى، مەنىسى: (1) ئاللادىن نىجاتلىق تىلەيمەن؛ (2) ئاللا، مېنىڭ تىلىكىمنى ئىجابەت قىلغىن؛ (3) ئىشەنچلىك، سادىق، سەمىمىي، راستچىل، ياۋاش، تىنچ، خاتىرجەم، بىخەتەر، زىيانسىز، ۋاپادار. ئىزاھات: «ئامىنە» بىلەن «ئەمىنە» بىر-بىرىگە ئۆزگىرىدۇ ۋ

  • ئايگۈل

    (ئايگۈلخان، ئايگۈلقىز) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 710كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    ئايدەك گۈزەل قىز

  • ئاينۇر

    (ئاينۇرەم، ئاينۇرخان، ئاينۇرقىز، ئاينۇرگۈل، ئاينىم) تىل تەۋەلىكى: ئۇ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 314كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    ئاي نۇرىدەك گۈزەل قىز. ئەسكەرتىش: «ئاينىم» بولسا «ئايىنىم» نىڭ ئۆزگىرىشى بىلەن ئوخشاپ قالىدۇ.

  • ئابدۇرەھىم

    (ئابدۇرېھىم، ئابدىرېھىم، ئابدىرەيىم، رەھىم، رەيىم، ئابلەم، رەخىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 503كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    رەھىملىك ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇررەھىم». «ئابدۇرەھمان» بىلەن «ئابدۇرەھىم» نىڭ بەزى ئۆزگىرىشلىرى ئوخشىشىپ قالىدۇ.

  • ئادىل

    (ھادىل، ھەدىل، ئادىلجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 501كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئادالەتنى ياقلىغۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ئارسلان

    (ئارسىلان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 641كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    يولۋاس بالىسى، شىر

  • ئارمان

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 691كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئىشتىياق، قىزغىنلىق، ئارزۇ

  • ئالىم

    (ئالىمجان، غالىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 610كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئىلىم ئىگىسى، بىلىمدار، ئەدىب (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ئامان

    (ئامانجان، ئامانخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 449كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئىشەنچىلىك، تىنچ، بىخەتەر، خاتىرجەم

  • ئەبۇبەكرى

    (ئابابەكرى، ئاباكرى، ئاۋاكرى، ئاباك، ئۇلبەكرەم، ئۇلبەك) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 471كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    بەكرىنىڭ ئاتىسى («بەكرى» نىڭ مەنىسى: تۇنجى بالا؛ بوتىلاق)

  • ئەرشىدىن

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 582كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    (1) دىننىڭ تەختى؛ (2) دىننىڭ راستچىل كىشىسى. بۇ ئىسىمنىڭ ئەسلىيسى «ئەرشىددىن».

  • ئەزھەر

    (ئەزھەرجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 693كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    نۇرلۇق، يارقىن، پارلاق