كىشى ئىسىملىرى

  • سۇلەيمان

    (سۇلايمان) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 389كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    سۇلايمان پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى (ئەسلىدە، قىزىل مېۋىلىك بىر خىل ئۆسۈملۈكنىڭ نامى)

  • شەمسى

    (شەمشى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 487كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    قۇياش، كۈن؛ قۇياش كەبى. ئىزاھات: «شەمسى، شەمىس، شەمسىدىن» لەر ئوخشاشلا «شەمشى» گە ئۆزگىرىدۇ.

  • شەمسىدىن

    (شەمشىدىن، شەمشى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 467كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    دىننىڭ قۇياشى. ئەسلىيسى «شەمسىددىن».

  • شەھرىيار

    (شەرىيار، شورىيار، شورىيا) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 546كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    بۈيۈك شاھ؛ شۆھرەت يار بولغاي. «شەھرىيار» بەزى جايلاردا ئاياللارغىمۇ قويۇلىدۇ.

  • شۆھرەت

    (شۆرەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 728كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    مەشھۇر بولماق، تونۇلماق، شۆھرەت، نام

  • شەنبە

    (شەمبە، شەمبىگۈل) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 504كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    كۈن ئىسمى (كۈن). ئىزاھات: «شەمبىگۈل» ئاياللارغا قويۇلىدۇ.

  • غالىب

    (غالىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 595كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    غەلىبە قىلغۇچى

  • غەرىب

    (غېرىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 404كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    چەتئەللىك، سىرتتىن ئېقىپ كەلگەن مۇساپىر، يۇرتىدىن ئايرىلغان كىشى

  • غىياسىدىن

    (غىيازىدىن) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 1181كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    دىننىڭ ياردەمچىسى

  • ئاتائۇللا

    (ئاتاۋۇللا، ئاتاۋۇل، ئاتاللا، ئاتىللا، ئەتىللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 551كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئاللانىڭ بەرگىنى، ئاللا بەرگەن ئوغۇل

  • ئاتلان

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 614كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئات سال، يولغا چىق، ئاتقا مىن

  • قاپلان

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 541كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ھايۋان ئىسمى

  • قەيسەر

    (قەيسەرجان) تىل تەۋەلىكى: ي تىل كۆرۈلۈشى: 456كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    بۇ، مىلادىيەدىن بۇرۇنقى 100~44-يىللاردا ئۆتكەن قەدىمكى رىم پادىشاھى جولىئۇس كايسارنىڭ نامىدىن كەلگەن ئىسىم بولۇپ، بىزچە مەنىسى: ئىمپېراتور، خان، پادىشاھ؛ ئۇلۇغ، زور، كاتتا دېگەنلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  • قۇددۇس

    (قۇدۇس) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 704كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئۇلۇغ، پاك، مۇقەددەس (ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى)

  • باھادىرخان

    (باتۇرخان، باتۇخان) تىل تەۋەلىكى: پ ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 497كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    باھادىر: ئىسمى، خان: سۈپىتى

  • پىدائەھمەد

    (پىداخمەت، پىداقمەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 414كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    پىدا: ئىسمى، ئەھمەد: سۈپىتى («ئەھمەد» مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى بولۇپ، بۇ يەردە «مۇھەممەد ئۈچۈن، مۇھەممەدنىڭ يولى ئۈچۈن ئۆزىنى ئاتىغۇچى» دېگەن مەنە ئىپادىلىنىدۇ)

  • كارامەت

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 451كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    شەرەپ، داڭق؛ ھەيۋەت؛ ئىپتىخار؛ مۆجىزە؛ مەردلىك. ئەسلىيسى «كەرامەت».

  • مەردان

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 452كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    مەردلەرچە، ئەرلەرچە؛ ئەرلەر

  • مەنسۇر

    (ماڭسۇر، مەڭسۇر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 637كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ياردەمگە ئېرىشكۈچى؛ غەلىبە قىلغۇچى، نۇسرەت بېرىلگۈچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • مەۋلان

    (مەۋلانجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 469كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    خوجىلار، خوجىلارچە، خوجايىنلارچە

  • مۇقىت

    (مۇقايىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 434كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    پەرۋىش قىلغۇچى، ئوزۇقلاندۇرغۇچى (ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى)

  • نىياز

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 397كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    موھتاج، ھاجەت، ھاجەتمەن، ئېھتىياج، قۇل، بەندە، چاكار؛ تىلەش؛ تۆھپە، ئاللاغا ئاتالغان سەدىقە؛ بەخشەندە قىلىنغان نەرسە؛ قۇللۇق بىلدۈرمەك، يالۋۇرماق، قۇللۇق قىلماق، ئۆتۈنمەك، ئۈمىد قىلماق

  • ھامىد

    (ھامىت، ھامۇت، ھامۇق، ھامىخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 539كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ماختىغۇچى، مەدھىيەلىگۈچى، شۈكۈر قىلغۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى). ئىزاھات: «ھامى» بىلەن «ھامىد» ئوخشاشلا «ھامىخان» غا ئۆزگىرىدۇ، ئەمما بۇ ئىسىملار يەنىلا ئەرلەرگە قوللىنىلىدۇ.

  • ھەبىبۇللا

    (ھەبىبۇل، ھەبۇللا، ھەبى، ھەبىللا، ھەۋىللا، ھەۋىل، ھېبى، ھەبىل، ھەۋىبىللا، ھېۋىل، ھېۋىللا، ھېۋىللام) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 506كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئاللانىڭ دوستى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى). ئىزاھات: «ھەببى، ھەبىبۇللا» ئوخشاشلا «ھەبى» گە ئۆزگىرىدۇ. بولۇپمۇ غۇلجا قاتارلىق جايلاردا «ھەبىبۇللا» «ھەبى» گە، «زەبىھۇللا» «زەبى» گە ئۆزگىرىپ كېتىدىغان مۇشۇنداق ئەھۋاللار بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ.

  • ھۆسەيىن

    (ھۈسىيىن، يۈسىيىن، ھۈسەن، يۈسۈن، ھۆسەن، ھۆسۈن) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 917كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    مەنىسى: ياخشى، گۈزەل، چىرايلىق [بۇ ئىسىم قوشكېزەك تۇغۇلغان جۈپ ئوغۇلنىڭ بىرىگە قويۇلىدۇ، ئايرىممۇ قويۇلىدۇ. جۈپ ئوغۇلنىڭ بىرىگە قويۇلغاندا كۆپىنچە يەنە بىرىگە «ھەسەن» قويۇلىدۇ. چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىلىرى ئىمامھەسەن، ئىمامھۈسەيىنگە تەقلىد قىلىنغان]. ئىزاھات:

  • ۋائىد

    (ۋائىت، ۋايىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 450كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئۈمىدلىك، ئىستىقباللىق؛ ئەھدە قىلغۇچى، ۋەدە بەرگۈچى. ئىزاھات: «ۋاھىد» بىلەن «ۋائىد» ئوخشاشلا «ۋايىت» قا ئۆزگىرىدۇ.

  • ئىسلامنىياز

    تىل تەۋەلىكى: ئە پ تىل كۆرۈلۈشى: 448كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئىسلام ئۈچۈن بارلىقىنى بېغىشلىغۇچى، ئىسلامغا بەخشەندە قىلىنغان (كىشى)

  • ئىسمائىل

    (ئىسمايىل، ئىسماق) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 444كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئىسمائىل پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: (1) ئاللانىڭ بۇيرۇقىنى ئىجرا قىلغۇچى، (2) ئاللا ئاڭلىدى

  • ئىكرام

    (ئىكرامجان، ۋىكرام) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 488كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ھۆرمەت، ئىززەت

  • ئىلاج

    (ھىلاج، غىلاج) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 590كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    داۋالىماق، ئامال قىلماق، ساقايتماق، داۋا