كىشى ئىسىملىرى

  • ئابدۇرەئۇپ

    (ئابدۇراۋۇپ، ئابدىراۋۇپ، ئابدۇرۇپ، ئابدىرۇپ، راۋۇپ، راۋۇپجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 601كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 2

    مېھرىبان، شەپقەتلىك ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «ئابدۇررەئۇپ».

  • توختى

    (توختاش، توختەك، توختەم، توختامىش) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 601كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 20

    بۇ، پەرزەنتنىڭ سالامەت قاتارغا قوشۇلۇپ قېلىشىنى ئۈمىد قىلىپ، «توختاپ قالسۇن، ئۆلۈپ كەتمىسۇن» دېگەن مەنىدە قويۇلغان ئىسىم.

  • ئۇلۇس

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 601كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    مىللەت، خەلق

  • ئابىدە

    (ئابىدەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 601كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    تەقۋادار؛ دەرۋىش؛ ئىبادەتگۇي، ئىبادەت قىلغۇچى. «ئابىدەم» دىكى «م» قوشۇلۇپ كەلگەن ھەر بىر ئىسىمدا ھۆرمەت مەنىسىنى بىلدۈرىدۇ ھەمدە شۇ كىشىنى ئۆز كىشىم دەپ ئاتاش مۇناسىۋىتى بىلەن قوشۇلىدۇ. ئۇ بەزى ئاياللارنىڭ ئىسىملىرىدىن سىرت، ئايرىم دىني دەرىجە-ئەمەل ناملىرىغىمۇ قوشۇلۇپ، ھ

  • ئايتىللا

    (ئايتىللاخان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 602كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    تىللادەك ئېسىل، قىممەتلىك قىز. ئەسكەرتىش: «ئايتىللا» بولسا «ئايەتۇللا» دىنمۇ ئۆزگىرىدۇ ۋە ئاياللارغا قويۇلىدۇ.

  • بەشەر

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 603كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئىنسان، ئادەم

  • رامىزان

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 605كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    رامىزان ئېيىدا تۇغۇلغان

  • قابان

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 605كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    تاۋاق

  • كازىم

    (كەزىم، كەزىمجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 606كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاچچىقىنى يۇتالايدىغان كىشى

  • تاھىر

    (تايىر، تايى، تايەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 607كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 20

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى. مەنىسى: پاك.

  • تۇرسۇن

    (تۇرسۇنجان، تۇسۇنجان، تۇسۇن، تۇسۇق) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 608كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 16

    تۇرۇپ قالسۇن، ئۆمرى ئۇزاق بولسۇن.

  • دانىش

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 608كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 14

    بىلمەك، بىلىم، مەلۇمات، بىلىملىك

  • ئالىم

    (ئالىمجان، غالىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 610كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئىلىم ئىگىسى، بىلىمدار، ئەدىب (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • جامال

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 612كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 16

    چىراي، گۈزەللىك، ھۆسن. ئەسلىيسى «جەمال».

  • ئابدۇئەسەد

    (ئابدەسەت، ئەسەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 613كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    شىر كەبى ئادەم

  • غەزەل

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 614كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ناخشا، لىرىك ھېسسىيات

  • ئاتلان

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 614كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئات سال، يولغا چىق، ئاتقا مىن

  • شىجائەت

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 615كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    غەيرەت، جۈرئەت، باتۇرلۇق

  • ئۆمەر

    (ئەمەر، ھۆمەر، ھەمەر، ھەمىر، ھەمىرجان، ئۆمەرجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 615كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 14

    چاھاريارلاردىن بىر بولغان ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىسمى بولۇپ، بىزدە كۆپ ھاللاردا «ئۆمەر» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەنىسى: ئاۋات، بوستان، مەمۇرچىلىق. ئەسلىيسى «ئۇمەر».

  • ئەسئەد

    (ئەسئەت، ئەسقەت، ئەسەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 616كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئەڭ بەخىتلىك، خۇشال

  • بەرداش

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 616كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    قىيىنچىلىققا چىدايدىغان كىشى

  • ئىگەمبەردى

    (ئىگەم، ئىگەمبەدى) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 616كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    ئاللا ئىگەم بىر ئوغۇل بەردى

  • سالاھىدىن

    (سالايىدىن) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 617كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    دىننىڭ ئېسىل كىشىسى ( بۇ ئىسىمنى «دىننىڭ قورالى» دېگەن مەنىدە چۈشىنىشمۇ مۇمكىن). ئىزاھات: ئەسلىيسى «سەلاھىددىن» بولۇپ، «سەلاھىددىن» ئەرەب سەركەردىلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى.

  • قۇدرەت

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 617كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    كۈچ، ھوقۇق

  • پەخرى

    (پەخرىم، پەھرى، فەھرى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 617كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 14

    پەخىرلىك، پەخىرلەنمەك؛ نامدار، نام جەھەتتىكى

  • تەۋپىق

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 618كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 11

    مۇۋەپپەقىيەت، ئۇتۇق، نەتىجە، شەرەپ، بەخت؛ ئىنساب

  • قۇززات

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 618كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    قازىلار

  • بۇرھان

    (بورھان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 620كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئىسپات، ھۆججەت، پاكىت (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • مەۋلۇد

    (مەۋلۇت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 620كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئوغۇل بالا، ئۆسمۈر، بوۋاق

  • مۇراددىل

    (مۇرادىل) تىل تەۋەلىكى: ئە پ تىل كۆرۈلۈشى: 621كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    كۆڭۈل ئارزۇسى. ئىزاھات: «مۇراددىل، مۇرادۇللا، مىرئادىل» ئوخشاشلا «مۇرادىل» غا ئۆزگىرىدۇ.