كىشى ئىسىملىرى

  • ھىببى
    (ھىبى، ھىۋى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 174 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    سۆيۈملۈك، قەدىرلىك، ئەزىز

  • ھىجاز
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 154 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئەرەب يېرىم ئارىلىنىڭ ئاتىلىشى

  • ھىجرى
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 160 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    جاي ئىسمى؛ «قۇرئان كەرىم» سۈرىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى.

  • ھىجرەت
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 415 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    كۆچمەك (بۇ يەردە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ مەككىدىن مەدىنىگە ھىجرەت قىلغانلىقى كۆزدە تۇتۇلغان)

  • ھىدايىتۇللا
    (ھىدايىتىللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 140 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللانىڭ توغرا يولى، ئاللانىڭ كۆرسەتكەن يولى. ئەسلىيسى «ھىدايەتۇللا».

  • ھىدايەت
    (ھىدايە، ھىدايى، ھىدەك) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 237 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 10 ياقتۇرۇش

    توغرا يول، توغرا يولغا يېتەكلىمەك؛ توغرا يول تاپماق

  • ھىزبۇللا
    (ھىزى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 193 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللا تەرەپتە تۇرغۇچى، ئاللانىڭ جەڭچىلىرى، ئاللا پارتىيەسى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ھىسار
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 120 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    قورغان، قەلئە، قورشاۋ، ئىھاتە

  • ھىكمەت
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 277 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئىلىم-ھېكمەت، ھېكمەتلىك سۆز؛ مۆجىزە؛ ئەقىل، پەلسەپە

  • ھىلال
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 415 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 3 ياقتۇرۇش

    يېڭى چىققان ئاي

  • ھۆرۇللا
    (ھۆرىللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 125 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللانىڭ ئەركىن كىشىسى

  • ھۆسەيىن
    (ھۈسىيىن، يۈسىيىن، ھۈسەن، يۈسۈن، ھۆسەن، ھۆسۈن) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 299 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    مەنىسى: ياخشى، گۈزەل، چىرايلىق [بۇ ئىسىم قوشكېزەك تۇغۇلغان جۈپ ئوغۇلنىڭ بىرىگە قويۇلىدۇ، ئايرىممۇ قويۇلىدۇ. جۈپ ئوغۇلنىڭ بىرىگە قويۇلغاندا كۆپىنچە يەنە بىرىگە «ھەسەن» قويۇلىدۇ. چۈنكى مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ نەۋرىلىرى ئىمامھەسەن، ئىمامھۈسەيىنگە تەقلىد قىلىنغان]. ئىزاھات:

  • ھۇزۇر
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 153 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    (1) كەلمەك، ھازىر بولماق، (2) ھۇزۇرلىنىش

  • ھۇسام
    (ھېسام، ھىسام) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 137 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئىتتىك، ئۆتكۈر قىلىچ

  • ھۇسامىدىن
    (ھىسامىدىن، ھىسام) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 118 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ قىلىچى. ئەسلىيسى «ھۇسامىددىن».

  • ھۇشيار
    (ھوشيار) تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 129 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئەقىللىق، زېھنى ئۆتكۈر، چېچەن، زېرەك. ئەسلىيسى «ئۇشيار».

  • ھۇمايۇن
    (ھۇمايەم) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 227 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    قۇتلۇق، بەختلىك، بەخت، مۇبارەك؛ بەخت قۇشى. ئىزاھات: «ھۇمايەم، ھۇۋەيدە» ئاياللارغا قويۇلىدۇ.

  • ھۇنئالىپ
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 102 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ھۇن باتۇرى

  • ھۇنئەر
    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 99 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ھۇن نەسلىدىن بولغان باتۇر ئەر

  • ھەبىب
    (ھەبىپ، ھىبىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 146 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دوست، سۆيگۈچى، ئەزىز، سۆيۈملۈك (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ھەبىبۇللا
    (ھەبىبۇل، ھەبۇللا، ھەبى، ھەبىللا، ھەۋىللا، ھەۋىل، ھېبى، ھەبىل، ھەۋىبىللا، ھېۋىل، ھېۋىللا، ھېۋىللام) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 237 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 1 ياقتۇرۇش

    ئاللانىڭ دوستى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى). ئىزاھات: «ھەببى، ھەبىبۇللا» ئوخشاشلا «ھەبى» گە ئۆزگىرىدۇ. بولۇپمۇ غۇلجا قاتارلىق جايلاردا «ھەبىبۇللا» «ھەبى» گە، «زەبىھۇللا» «زەبى» گە ئۆزگىرىپ كېتىدىغان مۇشۇنداق ئەھۋاللار بىر قەدەر كۆپ ئۇچرايدۇ.

  • ھەدىد
    (ھەدىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 156 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    تېز، ئىتتىك؛ تۆمۈر («قۇرئان كەرىم» سۈرىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى)

  • ھەدىس
    (خەدىس) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 220 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يېڭى، زامانىۋى، يېڭى تىپتىكى؛ خەۋەر، سۆز، ھېكايە، گەپ-سۆز، ئېقىپ يۈرگەن گەپلەر، رىۋايەت؛ مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۆزلىرى (بۇ يەردە ھەدىس ئۇلۇغلانغان)

  • ھەدەس
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 152 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ياشلار

  • ھەربىدىن
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 143 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    دىننىڭ ئەسكىرى

  • ھەرىر
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 164 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    يىپەك، يىپەك مال، تاۋار

  • ھەرىس
    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 144 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ئاللاغا ھېرىسمەن (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ھەزرىتىئەلى
    (ھەزىرتېلى، ھەزتېلى، ھىزتىلى، ھەزتىلى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 133 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ھەزرىتى ئەلىدەك ئوغۇل (بۇ يەردە چاھاريارلاردىن ئەلى ئۇلۇغلانغان)

  • ھەزرىتىم
    (ھەزىرتىم، ھەزتۇم) تىل تەۋەلىكى: ئە ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 127 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    مېنىڭ ھۆرمەتلىك ئەزىز ئوغلۇم؛ مېنىڭ ھۆرمەتلىكىم (بۇ يەردە يەنە «بىزنىڭ ئۇلۇغ پېشۋايىمىز» دېگەن مەنىدىمۇ كېلىدۇ)

  • ھەزرىتىپىر
    (ھەزىرتىپىر، ھەزتىپىر) تىل تەۋەلىكى: ئە پ تىل كۆرۈلۈشى: 131 كۆرۈلۈشى ، ياقتۇرغانلار: 0 ياقتۇرۇش

    ھۆرمەتلىك ئۇستاز