كىشى ئىسىملىرى

  • چىلان

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 623كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بىر خىل مېۋىلىك دەرەخ نامى

  • بۈركۈت

    (بۈركۈتجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 623كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بۈركۈتتەك ئوغۇل («بۈركۈت» قۇش ئىسمى)

  • پەتتاھ

    (پەتتار، فەتتاھ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 626كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    دائىم يەڭگۈچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • قۇتيار

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 627كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 11

    باخت يار بولغاي

  • ئالپ بىلگە قاغان

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 629كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بىلىمىك، باتۇرخان

  • نىدا

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 630كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاۋاز چىقارماق، توۋلىماق، چاقىرماق، تەلەپ قىلماق (بۇ يەردە ئاللاغا نىدا قىلىپ، تەلەپ قىلغاندىن كېيىن تۇغۇلغان پەرزەنت دېگەن مەنىدە كېلىدۇ). ئىزاھات: «نىدا» ئاياللارغىمۇ قويۇلىدۇ.

  • ئايچېچەك

    (ئايچەك) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 631كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    چېچەكتەك يۇمران، گۈزەل، پاك قىز

  • پالتا

    (پالتۇ، پالتى، پالتۇش) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 635كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئۆي سايمانلىرىدىن بىرى، ئوتۇن يېرىش ئۈچۈن ئىشلىتىلىدۇ

  • ئايچولپان

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 635كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    چولپان يۇلتۇزىدەك نۇرلۇق قىز

  • مەھبۇب

    (مەھبۇپ، مەبۇپ، مەبىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 636كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    سۆيۈملۈك

  • غىياس

    (غىياز) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 637كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ياردەم بەرگۈچى، ياردەمچى، قۇتۇلدۇرماق، قۇتۇلدۇرۇش مېلى

  • مەنسۇر

    (ماڭسۇر، مەڭسۇر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 637كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ياردەمگە ئېرىشكۈچى؛ غەلىبە قىلغۇچى، نۇسرەت بېرىلگۈچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • ئارسلان

    (ئارسىلان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 641كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    يولۋاس بالىسى، شىر

  • بارسخان

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 641كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    يولۋاستەك باتۇرخان

  • مەرمەر

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 642كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئېسىل تاش

  • قۇربان

    (قۇۋان، قۇۋانجان، قۇنەك، قۇنام، قەنەك، قوناش، قۇنەش، قوناق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 644كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    ئاللاغا بېرىلگەن نەرسە؛ تۆھپە قوشماق، قۇربان بەرمەك، ئۆزىنى تەقدىم قىلماق (بۇ يەردە «قۇربان ھېيىت كۈنلىرى تۇغۇلغان» دېگەن مەنىدىمۇ كېلىدۇ)

  • ئاينىگار

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 644كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئايدەك كۆرۈنىدىغان، ئاي سۈرەت

  • دولقۇن

    (دولقۇنجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 647كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 11

    بۇ يەردە سۇ دولقۇنى كۆزدە تۇتۇلىدۇ.

  • ئايتۈن

    (ئايتۇن، ئايتۇنخان، ئايتۇنقىز، ئايتۇنگۈل) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 652كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    تۈندىكى ئاي

  • نەۋكەر

    (نوكەر، نۆكەر) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 653كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 11

    يېڭى ئەسكەر؛ قۇل، چاكار، ياللانغۇچى، ياللانما ئەسكەر

  • پەرھاد

    (پەرھات، پەرخات، پەرەھەت، پەرەخەت، فەرھات، فەرھاد) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 654كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    بۇ ئىسىم ئايرىم-ئايرىم مەنە بىلدۈرىدىغان بەش ھەرپتىن تۈزۈلگەن بولۇپ، چاغاتاي ئۇيغۇر يېزىقىدا «فرھاد» دەپ يېزىلىدۇ. ئۇنىڭدىكى «ف» پىراقنى، «ر» رەشىكنى، «ھ» ھىجراننى، «ا» ئاھنى، «د» دەردنى بىلدۈرىدۇ. ئەمما كىشىلەر بۇ ئىسىمنى نەۋايىنىڭ «پەرھاد-شېرىن» داستانىدىكى باتۇر ئوبراز

  • مۇھكەم

    (مەھكەم، مەككەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 654كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    مەزمۇت، مۇستەھكەم، پۇختا، ھىم

  • ئايسۇ

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 656كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    سۈزۈك سۇ، زىلال سۇ.

  • پاۋان

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 660كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئوۋچى؛ قەشقەرنىڭ يوپۇغىدىكى جاي ئىسمى.

  • ئوغۇز

    (ئوغۇزخان، ئوغۇزجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 662كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    (1) ئوغۇز سۈتى (تۇنجى ئەمگەن سۈت)، (2) ئوغۇز قەبىلىسىنىڭ نامى. ئىزاھات: «ئوغۇزخان» تۈركىي خەلقلەرنىڭ مەشھۇر داستانى «ئوغۇزنامە» دە تىلغا ئېلىنىدىغان بۈيۈك قەھرىماننىڭ نامى بولۇپ، ئەرلەرگە قويۇلىدۇ.

  • ئالماس

    (ئالماسقارى، ئالماسجان، ئالماسخان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 663كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 11

    مېتال ئىسمى («ئالماستەك قاتتىق، مەھكەم» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ. ئۇنىڭ ئۆزگىرىشلىرى پۈتۈنلەي ئەرلەرگىلا قويۇلىدۇ)

  • تۇر

    (تۇرەك، تۇرەم، تۇرۇم، تۇراق) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 664كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 16

    بۇ، «تۇرۇپ قالسۇن» ياكى «قاراۋۇلخانا، ئېگىز دۆڭ» دېگەن مەنىنى بېرىدۇ. ئەرەبچىدە (قەدىمكى سۈرىيە تىلىدا) «تاغ» دېگەن مەنىگە ئىگە.

  • قۇتاد

    (قۇتات) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 665كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بەختلىك بول، ئىشلىرىڭ ئىلگىرى باسسۇن

  • ئالما

    (ئالمىخان، ئالمىگۈل، ئالمىقىز، ئاممىگۈل، ئاممىقىز) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 665كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 6

    مېۋە ئىسمى (بۇ يەردە پەرزەنت ئالمىغا ئوخشىتىلغان)

  • ئابدۇسالام

    (ئابدىسالام، ئابسالام، سالام) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 667كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    سالامەتلىكنى بەرگۈچى ئاللانىڭ بەندىسى