كىشى ئىسىملىرى

  • ھەكىم

    (ھېكىم، ھېكىمجان، خەكىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 445كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    ھۆكۈما، دانىشمەن، ئەقىللىق، پەيلاسوپ، تېۋىپ (بۇ ئىسىممۇ «الـ» لىق كەلگەندە ئاللانىڭ ئىسمىنى، ئايرىم كەلگەندە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپىتىنى بىلدۈرىدۇ)

  • ھەلىم

    (ھېلىم، ھېلىمجان، ھېلەك، ھەلەك، ھىلەك، خالىم، خەلىم، خەلىمجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 400كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    (1) ياۋاش، تاقەتلىك، كەڭ قورساق، مۇلايىم، (2) ھەممىنى بىلگۈچى (ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى)

  • ئوسمان

    (ئوسمانجان، ئوسمىخان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 444كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    كىچىك يىلان، يىلان بالىسى. ئىزاھات: «ئوسمان» نىڭ ئەسلىيسى «ئۇسمان». گەرچە بۇ ئىسىمنىڭ قەدىمكى ئەرەب تىلىدىكى مەنىسى ئانچە ياخشى بولمىسىمۇ، ئۇيغۇرلار ئۇنى چاھاريارلادىن بولغان ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ھۆرمىتى ئۈچۈن پەرزەنتلىرىگە ئىسىم قىلىپ قويغان.

  • ئۇشۇر

    (ھۇشۇر، ھوشۇر، ھوشۇرەم، ھوشۇرجان، ھۇشۇرجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 442كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    (1) ئۇشۇر (ئاشۇرا) ئېيىدا تۇغۇلغان، (2) ئوندىن بىر (ئۆشرە)، زاكات

  • ئۆركەش

    (ئېركەش) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 455كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    سۇ ئۆركىشى؛ ئۆركەشلىمەك (بۇ يەردە، سۇ ئۆركىشىدەك شوخ، تىمەن، جانلىق ئوغۇل بولۇپ يېتىشىش ئارزۇسى ئەكس ئېتىدۇ)

  • ئۈمىد

    (ئۈمىت، ئۈمىتجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 498كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    ئىشەنچ، ئېتىقاد؛ ئارزۇ. ئەسلىيسى «ئۇمىد».

  • ئىسلاھات

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 435كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    ياخشىلىماق، ئۆزگەرتمەك، تۈزەتمەك

  • ئىشان

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 449كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    بۇ ئوتتۇرا ئاسىيادا دىنىي مەرتىۋە نامى سۈپىتىدە قوللىنىلغان بولۇپ، مەنە جەھەتتىن «پىر، شەيىخ» دېگەن سۆزلەرگە يېقىن كېلىدۇ.

  • ئىنايەت

    (ئانايەت، ئانايىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 430كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    غەمخورلۇق، ئىلتىپات، ئاسراش، ياردەم، ئەھمىيەت بەرمەك

  • يار

    (يارى، يارىجان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 471كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    دوست؛ ھەمراھ؛ ئاللا

  • يارمۇھەممەد

    (يارمەت، يارمەممەت) تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 428كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    مۇھەممەدنىڭ دوستى

  • يۇنۇس

    (يونۇس، يۈنۈس، يونۇسجان) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 446كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    يۇنۇس پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: ئۈلپەت. ئەسلىيسى «يۇۋانىس».

  • ئازادە

    (ئازادەم) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 501كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    ئەركىنلىك، كەڭ-كۇشادىلىك

  • ئابدۇلئەزىز

    (ئابدۇلئېزىز، ئابدىلئېزىز، ئاۋلىز، ئابلېزىز، ئابلىز، ئەزىز، ئېزىز، ھەزىز، ئابدۇھەزىز، ئابدىھېزىز، ئابدۇئېزىز.) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 476كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    قۇدرەتلىك ئاللاھنىڭ بەندىسى

  • ئازاد

    (ئازات) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 676كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    ھۆر، ئەركىن. ئىزاھات: «ئازاد» ئاياللارغىمۇ قويۇلىدۇ.

  • ئەزىز

    (ئېزىز، ھەزىز، ھېزىز) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 563كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    قۇدرەتلىك، سۆيۈملۈك، قىممەتلىك، شەرەپلىك، كۈچلۈك، قەدىرلىك (بۇ ئىسىم «الـ» لىق كەلسە ئاللانىڭ ئىسمىنى، ئايرىم كەلسە مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپىتىنى بىلدۈرىدۇ)

  • جەسۇر

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 528كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    شىجائەتلىك، باتۇر، قەيسەر؛ دادىل، جۈرئەتلىك، جاسارەتلىك

  • جەلىل

    (جېلىل، جەللى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 501كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    ئۇلۇغ، شانلىق، پارلاق

  • جۈمە

    (جۈمەك، جۇماق، جۇماش، جۇمى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 545كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    يىغىلغان، توپلانغان كۈن (بۇ يەردە جۈمە كۈنىنى ئۇلۇغلاش ياكى جۈمە كۈنى تۇغۇلغان پەرزەنتنى تەبرىكلەش مەنىسى ئاساس قىلىنىدۇ)

  • داۋۇد

    (داۋۇت، داۋۇتجان، داگۇت) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 529كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    داۋۇد پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى بولۇپ، (1) خۇشئاۋاز، (2) كۈي (3) سۆيۈملۈك دوست دېگەن مەنىلەرنى بېرىدۇ.

  • رەجەب

    (رەجەپ، رەجەك) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 519كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    (1) ھۆرمەتلىك، (2) رەجەب ئېيىدا تۇغۇلغان

  • زاھىد

    (زاھىت، زايىت، زايىتجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 700كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    تەقۋادار، دىندار

  • سەردار

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 517كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    قوماندان؛ ئالدىدا ماڭغۇچى

  • شەۋكەت

    (شاۋكەت، شۆكەت، شۆۋكەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 578كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    ھەيۋەت، ئۇلۇغ، كۈچلۈك

  • شۇكۇر

    (شۈكۈر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 534كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    شۈكۈر قىلماق، رەھمەت ئېيتماق

  • قەييۇم

    (قايۇم، قېيۇم، قەيۇم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 548كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    ھازىر تۇرغۇچى، تەييار تۇرغۇچى؛ ھەممىنى باشقۇرغۇچى

  • قۇربان

    (قۇۋان، قۇۋانجان، قۇنەك، قۇنام، قەنەك، قوناش، قۇنەش، قوناق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 644كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    ئاللاغا بېرىلگەن نەرسە؛ تۆھپە قوشماق، قۇربان بەرمەك، ئۆزىنى تەقدىم قىلماق (بۇ يەردە «قۇربان ھېيىت كۈنلىرى تۇغۇلغان» دېگەن مەنىدىمۇ كېلىدۇ)

  • مەھمۇد

    (مامۇت، مامۇش، مامۇق، مامىخان، مەخمۇت، ماخمۇت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 504كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    ماختالغۇچى، مەدھىيەلەنگۈچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • مۇراد

    (مۇرات، مۇراتجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 377كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    مەقسەت، ئارزۇ، ئىرادە، نىيەت

  • مۇراددىل

    (مۇرادىل) تىل تەۋەلىكى: ئە پ تىل كۆرۈلۈشى: 621كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    كۆڭۈل ئارزۇسى. ئىزاھات: «مۇراددىل، مۇرادۇللا، مىرئادىل» ئوخشاشلا «مۇرادىل» غا ئۆزگىرىدۇ.