كىشى ئىسىملىرى

  • قۇتيار

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ پ تىل كۆرۈلۈشى: 627كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 11

    باخت يار بولغاي

  • پەتتاھ

    (پەتتار، فەتتاھ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 626كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    دائىم يەڭگۈچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • چىلان

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 623كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بىر خىل مېۋىلىك دەرەخ نامى

  • بۈركۈت

    (بۈركۈتجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 623كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بۈركۈتتەك ئوغۇل («بۈركۈت» قۇش ئىسمى)

  • مۇراددىل

    (مۇرادىل) تىل تەۋەلىكى: ئە پ تىل كۆرۈلۈشى: 621كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    كۆڭۈل ئارزۇسى. ئىزاھات: «مۇراددىل، مۇرادۇللا، مىرئادىل» ئوخشاشلا «مۇرادىل» غا ئۆزگىرىدۇ.

  • بۇرھان

    (بورھان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 620كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئىسپات، ھۆججەت، پاكىت (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • مەۋلۇد

    (مەۋلۇت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 620كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئوغۇل بالا، ئۆسمۈر، بوۋاق

  • تەۋپىق

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 618كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 11

    مۇۋەپپەقىيەت، ئۇتۇق، نەتىجە، شەرەپ، بەخت؛ ئىنساب

  • قۇززات

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 618كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    قازىلار

  • سالاھىدىن

    (سالايىدىن) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 617كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    دىننىڭ ئېسىل كىشىسى ( بۇ ئىسىمنى «دىننىڭ قورالى» دېگەن مەنىدە چۈشىنىشمۇ مۇمكىن). ئىزاھات: ئەسلىيسى «سەلاھىددىن» بولۇپ، «سەلاھىددىن» ئەرەب سەركەردىلىرىدىن بىرىنىڭ ئىسمى.

  • قۇدرەت

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 617كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    كۈچ، ھوقۇق

  • پەخرى

    (پەخرىم، پەھرى، فەھرى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 617كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 14

    پەخىرلىك، پەخىرلەنمەك؛ نامدار، نام جەھەتتىكى

  • ئەسئەد

    (ئەسئەت، ئەسقەت، ئەسەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 616كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئەڭ بەخىتلىك، خۇشال

  • بەرداش

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 616كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    قىيىنچىلىققا چىدايدىغان كىشى

  • ئىگەمبەردى

    (ئىگەم، ئىگەمبەدى) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 616كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    ئاللا ئىگەم بىر ئوغۇل بەردى

  • شىجائەت

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 615كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    غەيرەت، جۈرئەت، باتۇرلۇق

  • ئۆمەر

    (ئەمەر، ھۆمەر، ھەمەر، ھەمىر، ھەمىرجان، ئۆمەرجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 615كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 14

    چاھاريارلاردىن بىر بولغان ئۇمەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ ئىسمى بولۇپ، بىزدە كۆپ ھاللاردا «ئۆمەر» دەپ تەلەپپۇز قىلىنىدۇ. مەنىسى: ئاۋات، بوستان، مەمۇرچىلىق. ئەسلىيسى «ئۇمەر».

  • غەزەل

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 614كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ناخشا، لىرىك ھېسسىيات

  • ئاتلان

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 614كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئات سال، يولغا چىق، ئاتقا مىن

  • ئابدۇئەسەد

    (ئابدەسەت، ئەسەت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 613كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    شىر كەبى ئادەم

  • جامال

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 612كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 16

    چىراي، گۈزەللىك، ھۆسن. ئەسلىيسى «جەمال».

  • ئالىم

    (ئالىمجان، غالىم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 610كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 10

    ئىلىم ئىگىسى، بىلىمدار، ئەدىب (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • تۇرسۇن

    (تۇرسۇنجان، تۇسۇنجان، تۇسۇن، تۇسۇق) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 608كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 16

    تۇرۇپ قالسۇن، ئۆمرى ئۇزاق بولسۇن.

  • دانىش

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 608كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 14

    بىلمەك، بىلىم، مەلۇمات، بىلىملىك

  • تاھىر

    (تايىر، تايى، تايەم) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 607كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 20

    مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى. مەنىسى: پاك.

  • كازىم

    (كەزىم، كەزىمجان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 606كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاچچىقىنى يۇتالايدىغان كىشى

  • رامىزان

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 605كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    رامىزان ئېيىدا تۇغۇلغان

  • قابان

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 605كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    تاۋاق

  • بەشەر

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 603كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئىنسان، ئادەم

  • ئايتىللا

    (ئايتىللاخان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 602كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    تىللادەك ئېسىل، قىممەتلىك قىز. ئەسكەرتىش: «ئايتىللا» بولسا «ئايەتۇللا» دىنمۇ ئۆزگىرىدۇ ۋە ئاياللارغا قويۇلىدۇ.