كىشى ئىسىملىرى

  • ياپچان

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 542كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    جاي ئىسمى (قەشقەر يېڭىشەھەردە)

  • يانماس

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 525كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئارقىغا قايتماس، ئىزىدىن چېكىنمەس

  • يانتاق

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 520كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ياۋا ئۆسۈملۈك ئىسمى

  • يامغۇر

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 569كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بۇ ئىسىمدا يامغۇر ئۇلۇغلانغان؛ ئاللانىڭ مېھرى-شەپقىتى يامغۇرغا ئوخشىتىلغان. ئەسلىيسى «يەغمۇر».

  • يالقۇن

    (يالقۇنجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 512كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    ئوت يالقۇنى كۆزدە تۇتۇلىدۇ

  • ياقۇتجان

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 511كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ياقۇتتەك قىممەتلىك، ئەتىۋار ئوغۇل

  • ياقۇببەگ

    (ياقۇپبەگ) تىل تەۋەلىكى: ئى ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 473كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ياقۇب: ئىسمى، بەگ: سۈپىتى. ئەسلىيسى «يەئقۇببەگ».

  • ياقۇب

    (ياقۇپ، ياقۇپجان، ياقۇش، يوقۇپ) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 454كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 13

    ياقۇب پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: (1) كېيىن تۇغۇلغان (ئىككىنچى بوۋاق)، (2) ئورمان كەكلىكىنىڭ ئەركىكىنىڭ ئىسمى شۇنداق دېيىلگەن، (3) ئاللانىڭ بەندىسى. ئەسلىيسى «يەئقۇب».

  • ياشنار

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 441كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    گۈللەپ ياشنايدۇ؛ شاد-خۇرام ياشايدۇ

  • ياشنات

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 448كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    گۈللەندۈرگىن؛ بەختلىك قىلغىن

  • ياشتېكىن

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 486كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ياش شاھزادە

  • ياشار

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 510كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 2

    ياشايدۇ، ئۇزاق ئۆمۈر كۆرىدۇ (بۇ يەردىمۇ ئاتا-ئانىلارنىڭ پەرزەنتىگە ئۇزۇن ئۆمۈر تىلەش ئارزۇسى ئەكس ئېتىدۇ)

  • ياشاتقان

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 490كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاللا ئۆمۈر بەرگەن كىشى

  • ياشات

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 540كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئۆمۈر بەرگىن، ياخشى كۈن كۆرسەتكىن (بۇ يەردە ئاتا-ئانىلارنىڭ ئۆز پەرزەنتىگە ئاللادىن ئۆمۈر تىلەش ئېڭى ئىپادىلىنىدۇ)

  • ياشئالىپ

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 465كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ياش باتۇر

  • ياسىن

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 504كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 14

    (1) ئەي ئىنسان؛ ئەي خوجا، (2) «قۇرئان كەرىم» سۈرىلىرىدىن بىرىنىڭ نامى، (3) مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى

  • ياسىر

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 441كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئوڭايلىق

  • يارىيار

    (يارىيا) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 416كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    «يار-يار» دەپ ناخشا ئېيتماق

  • يارمۇھەممەد

    (يارمەت، يارمەممەت) تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 428كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    مۇھەممەدنىڭ دوستى

  • يارقىن

    (ياقىن) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 421كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    يورۇق، ئېنىق، ئوچۇق، روشەن، چاقناپ تۇرىدىغان

  • ياربەختى

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 475كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بەختى بىللە، بەختلىك، بەخت يار بولغاي

  • ياران

    (يارەن) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 452كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    دوستلار، ھەمراھلار، بۇرادەرلەر

  • يارئەلى

    تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 423كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 9

    ئەلىنىڭ دوستى (بۇ يەردە چاھاريارلاردىن ئەلى كۆزدە تۇتۇلىشىمۇ ياكى ئاللا كۆزدە تۇتۇلىشىمۇ مۇمكىن. چۈنكى «ئەلى» ئاللانىڭ ئىسمى بولۇپمۇ كېلىدۇ. ئۇ ھالدا بۇ ئىسىم «ئاللانىڭ دوستى» دېگەن مەنىنى ئىپادىلەيدۇ. ئەمما «ئەلى» نىڭ ئۆزى كۆزدە تۇتۇلۇشى ئېھتىمالغا يېقىن)

  • يار

    (يارى، يارىجان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 471كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 12

    دوست؛ ھەمراھ؛ ئاللا

  • يادىكار

    (يادىگار) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 504كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 7

    ئەستىلىك، ئەسلىمە، خاتىرە، بېغىشلىما، تەقدىم قىلىنغان نەرسە

  • نەۋكەر

    (نوكەر، نۆكەر) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 653كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 11

    يېڭى ئەسكەر؛ قۇل، چاكار، ياللانغۇچى، ياللانما ئەسكەر

  • نەۋقىران

    تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 1135كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    يېڭى، قىرانلىق دەۋر، تولغان دەۋر

  • نەۋزاد

    (نەۋزات) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 410كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بوۋاق، يېڭى تۇغۇلغان بالا؛ يېڭى ئەۋلاد

  • نەۋرۇز

    (نورۇز) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 572كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    باش باھار، يېڭى كۈن، يىل بېشى («نورۇزدا تۇغۇلغان» دېگەن مەنىدىمۇ كېلىدۇ)

  • نەۋبەت

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 469كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    نۆۋەت، پۇرسەت؛ دەۋر