كىشى ئىسىملىرى

  • تىلەك

    (تىلەش، تىلەم، تىلەمجان) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 516كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئۈمىد، ئارزۇ (بۇ يەردە پەرزەنتلىك بولۇشتىن ئىبارەت تىلەككە يەتكەنلىك مەنىسى ئىپادىلىنىدۇ)

  • جالال

    (جىلال) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 470كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئۇلۇغۋار، پارلاق. ئەسلىيسى «جەلال».

  • جالالىدىن

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 427كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    دىننىڭ ئۇلۇغۋار كىشىسى. ئەسلىيسى «جەلالىدىن»

  • جانباز

    (جامباز) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 460كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    باتۇر؛ جاندىن كەچكەن، جان بىلەن ئويناشقۇچى؛ پىداكار.

  • جانباي

    (جامباي) تىل تەۋەلىكى: پ ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 475كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    جانلىق ئەر («جان» ئىنساننىڭ ھايات چېغىدىكى بارلىقى، ھاياتلىقنىڭ بەلگىسى ۋە نىشانى بولۇپ، كىشى ئىسىملىرى ياكى ئىسىم قوشۇمچىسى بولۇپ كەلگەندە «جاندىن ئەزىز، سۆيۈملۈك، ھۆرمەتلىك، قەدىرلىك» دېگەن مەنىلەرنى بىلدۈرىدۇ. بەزىدە يەنە «كىشى» دېگەن قوشۇمچە مەنىگىمۇ ئىگە. بۇ ئىسىم ئە

  • جاھاندار

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 443كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    جاھان تۇتقۇچى، جاھان سورىغۇچى؛ پادىشاھ

  • جاھانگىر

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 413كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    جاھاننى ئۆز ئىلكىدە تۇتقۇچى

  • جەۋلان

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 554كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    لەپىلدىمەك؛ سەيىر قىلماق

  • جەۋھەر

    (جۆھەر، جۈھەر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 530كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    «گۆھەر» نىڭ ئەرەبلەشكەن ئاتىلىشى بولۇپ، بۇ يەردە «ماددا، نېگىز» دېگەن مەنىدە كېلىدۇ.

  • جۇشقۇن

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 499كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    تېتىك، كۆتۈرەڭگۈ، روھلۇق

  • جۇنەيد

    (جۇنەيت، جۇنايىت، جىنايىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 451كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    (1) قوشۇن، (2) كىچىك جەڭچى (ئەرەبچىدىكى «جۇندى» دېگەن سۆزنىڭ كىچىكلىتىلمە شەكلى)

  • جۇنەيددىن

    (جۇنەيتىن، جۇنەيدىن) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 503كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    دىننىڭ كىچىك جەڭچىسى

  • چېۋەر

    (چەپەر) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 480كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئۇستا، ماھىر، چەبدەس، چاققان، كېلىشىملىك.

  • چېچەن

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 415كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    زېھنى ئۆتكۈر؛ زېرەك، ھوشيار، ئەقىللىق

  • چىنتۆمۈر

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 413كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ھەقىقىي، تۆمۈردەك يىگىت

  • چىنتېكىن

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 499كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ھەقىقىي شاھزادە

  • چوڭ

    (چوڭاق، چوڭەك) تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 460كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئۇلۇغ، ھۆرمەتتە چوڭ؛ چوڭ ئوغۇل

  • چەۋەنداز

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 576كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئات چاپتۇرغۇچى، ئات ئۈستىدە جەڭ قىلغۇچى، ئات مىنىش ماھىرى

  • چاقماق

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 418كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    (1) تەبىئەت ھادىسىسى؛ (2) چاقماقتەك ئوغۇل، چاققان ئوغۇل

  • چاۋار

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 411كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئەخلەت، ئوتۇن (كۆز تەگمەسلىك ئۈمىدىدە قويۇلغان)

  • چىلان

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 623كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    بىر خىل مېۋىلىك دەرەخ نامى

  • خالىد

    (خالىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 1223كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    مەڭگۈلۈك

  • خالىس

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 600كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ساپ، پاكىز، ھەقىقىي، سەمىمىي

  • خان

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 586كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    (1) ھۆكۈمدار، خان، (2) بەزىدە ھەممىنىڭ خانى بولغان ئاللانى كۆرسىتىدۇ. ئىزاھات: «خان» ئاللانىڭ ئىسىملىرى، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ ئىسىم ۋە سۈپەتلىرى، «ئابدۇ، ئەبۇ (ئاتا)، خوجا، شاھ، بەگ، دىن، ئاللا» قاتارلىق ئىسىملار، باشقا پەيغەمبەر ئىسىملىرى ۋە تارىختا مۇتلەق ئەرلەر ئى

  • خەبىر

    (خېۋىر، خەپىر، خەۋىر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 408كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ھەممىدىن خەۋەردار، تەجرىبىلىك، مۇتەخەسىس، ئۇستا (ئاللانىڭ ئىسىملىرىدىن بىرى)

  • خوجا

    (خوجام، غوجا، غوجام، غوجى، خوجاش، غوجەش، خوجاق، غوجاش، غوجاق، غوجەك،غوجەم) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 834كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئۇستاز، خوجايىن؛ ئىگە. ئىزاھات: «خوجا» ئەسلىدە «خۇاجە، خاجە، خوجە» دېيىلسىمۇ، ئادەت بويىچە «خوجا» دەپ ئېلىندى. ئۇ مەنە جەھەتتىن «ئۇستاز، خوجايىن، ئىگە» دېگەنلىك بولۇپ، بەزىدە كۆچمە مەنىسى بولغان «ئىگەم، ئاللا» كۆزدە تۇتۇلىدۇ. بولۇپمۇ كىشى ئىسىملىرىدا تېخىمۇ شۇنداق. مەسىلە

  • دادىل

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 1076كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    جۈرئەتلىك

  • دانىشيار

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 414كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئالىي مەكتەپ ئوقۇتقۇچىسى، پېروفېسسور؛ بىلىم ئىگىسى، بىلىمنى يار تۇتقۇچى

  • دانىيال

    (دانىيار) تىل تەۋەلىكى: ئى تىل كۆرۈلۈشى: 475كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    دانىيال پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى (مەنىسى ئېنىق ئەمەس). بۇ ئىسىمنىڭ ئۆزگىرىشى بولغان «دانىيار» نىڭ مەنىسى ئىلىمنى دوست تۇتقۇچى.

  • دائى

    (داھى، دايى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 481كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    يولباشچى، تەشەببۇسچى، يولباشلىغۇچى (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)