كىشى ئىسىملىرى

  • دەرمان

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 501كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    كۈچ-ماغدۇر، قۇۋۋەت، قۇربەت، ئىقتىدار، كۈچ؛ داۋا، شىپا

  • دەريا

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 591كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    دەريا-دېڭىز (بۇ يەردە سۇ ئۇلۇغلانغان)

  • دولان

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 436كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    يەر نامى (مەكىت، مارالبېشى قاتارلىق جايلارنىڭ ئومۇمىي نامى)

  • دۆلەت

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 893كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    دۆلەتمەن، بەختلىك. ئەسلىيسى «دەۋلەت».

  • دېھقان

    (دىخان) تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 674كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    يەر تېرىغۇچى، تېرىقچىلىق قىلغۇچى؛ يەر ئىگىسى، سەھرالىق

  • دىلمۇھەممەد

    (دىلمەت، دىلمەممەت) تىل تەۋەلىكى: پ ئە تىل كۆرۈلۈشى: 543كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    دىلىدا مۇھەممەدنى ياد ئەتكۈچى

  • دىۋان

    (دۈۋان، دوگان) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 482كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    توپلام؛ مەھكىمە، ئىشخانا، ئورگان؛ كىرېسلو

  • رابات

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 835كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    رايون، شەھەر ئەتراپى؛ قونالغۇ، دەڭ، مېھمانخانا، ئۆتەڭ

  • رازى

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 462كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    رازى بولغۇچى، خۇشال بولغۇچى

  • راشىد

    (راشى، راشىت) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 545كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    پاراسەتلىك، ئاقىل، يېتىلگەن؛ توغرا يولدا ماڭغان؛ ئويغاق، ھوشيار، سەزگۈر

  • راشىدىن

    (راشىتىن) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 478كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    دىننىڭ توغرا يولىدا ماڭغۇچى. ئەسلىيسى «راشىددىن»

  • رامىزان

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 605كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    رامىزان ئېيىدا تۇغۇلغان

  • رەشىدۇللا

    (رەشىدۇل، رەشىتۇل، رەشىتۇللا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 415كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاللا يول كۆرسەتكەن، توغرا يولدا ماڭغان كىشى

  • رەھمىتۇللا

    (رەمىتىللا، رەخمىتۇللا، رەخمىتۇل، رەمتىللا، رەمتۇل، رەمتىل، رەھمىتۇل ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 566كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئاللانىڭ رەھمىتى، ئاللانىڭ شەپقىتى. ئەسلىيسى «رەھمەتۇللا».

  • رەئۇپ

    (راۋۇپ، راۋۇپجان، رەۋۇپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 451كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    شەپقەت قىلغۇچى، رەھىمدىل (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتىلىرىدىن بىرى). ئىزاھات: «رەئۇپ» مۇ «الـ» بىلەن كەلگەندە ئاللانىڭ ئىسمىنى كۆرسىتىدۇ.

  • رۇستەم

    تىل تەۋەلىكى: پ تىل كۆرۈلۈشى: 1043كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    رىۋايەتلەردىكى پارس قەھرىمانى، مەشھۇر پالۋان، ئىستېمال مەنىسى: (1) باھادىر، قەھرىمان، (2) مەخپىي

  • زەپەر

    (زۇپەر، زۇپار، زىپەر) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 530كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    غەلىبە، نۇسرەت

  • زەكەرىيا

    (زىكرىيا، زىكىيا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 468كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    زەكەرىيا پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: (1) ئاللانى يادلىغۇچى، (2) ئاللانى ئەسلىگۈچى

  • زەكى

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 440كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئەقىللىق، زېرەك، ئۆتكۈر، ياخشى، تازا، گۇناھسىز، پاك؛ گۈزەل

  • زەيىد

    (زەيت، زىيت، زەيتجان، زەيتى) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 405كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئارتۇق

  • زوقلان

    تىل تەۋەلىكى: ئە ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 523كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    كىشىنىڭ زوقىنى كەلتۈرىدىغان ئوغۇل

  • زىكرۇللا

    (زىكرىللا، زىكرۇل) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 405كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    دائىم ئاللانى ياد ئەتكۈچى؛ ئاللانىڭ نامىنى زىكرى قىلماق

  • زىكرى

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 404كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    يادلىماق، ئەسلىمەك، تەكىتلىمەك، خاتىرىلىمەك؛ دۇئا؛ ئاللانى ياد ئەتمەك

  • سابىق

    (ساۋۇق) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 410كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    ئۆتكەنكى، بۇرۇنقى، كونا؛ پېشىۋا، باشلامچى، ئالدىدا ماڭغان (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • سادات

    تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 381كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    غالىب، مەشھۇر، ئۈستۈن، داڭلىق، مۇھىم كىشى

  • سالىھ

    (سالى، سالىخ، سەلەي) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 461كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    سالىھ پەيغەمبەرنىڭ ئىسمى. مەنىسى: ياخشى، ئېسىل، ئادىل، ھەققانىي

  • ساھابە

    (ساخابا) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 475كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    دوستلار، ھەمراھلار، سەپەرداشلار. ئەسلىيسى «سەھابە»

  • ساھىب

    (ساھىپ، سايىپ) تىل تەۋەلىكى: ئە تىل كۆرۈلۈشى: 470كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    (1) ئىگە بولغۇچى، ئىگىلىگۈچى، ئىگە، (2) دوست، سۆھبەتداش، ھەمراھ، خىزمەتداش (مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنىڭ سۈپەتلىرىدىن بىرى)

  • سايرام

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 499كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    «تېيىز يەر» مەنىسىدىكى بىر قانچە جاي نامى. بەزىلەر «سۇلۇق يەر» دېگەن بولىدۇ، دەپ قارايدۇ.

  • سايران

    تىل تەۋەلىكى: ئۇ تىل كۆرۈلۈشى: 450كۆرۈلۈشى، ياقتۇرغانلار: 0

    (1) سەيلە قىلغۇچى؛ (2) جاي نامى. ئىزاھات: «سايران» جاي نامى بولۇپ، بەزىلەر «سايرام» نىڭ ئەسلىي ئاتلىشى دەپ قارايدۇ. بۇ سۆز ئەرەبچىدە «سەيلە قىلغۇچى، سەيلە قىلماق» دېگەننى بىلدۈرىدۇ.